10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش تاماملاندى
00:07:55 2025-04-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 4- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى. 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 27 تارماق (ئورۇن)، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

كۆزىتىلىدىغان تارماق (ئورۇن)، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار ئايرىم- ئايرىم ھالدا كۆزىتىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: كۆزىتىش مۇھىم سىياسىي خىزمەت بولۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە چىڭ قادىلىپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە چىڭ قادىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە نازارەت قىلىشنى دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى مۇنداق تەلەپ قىلدى: كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە نازارەت قىلىش- كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق (ئورۇن)لارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈگىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ ساھەسىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ھەمدە كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: «كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىش بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىمىز. بۇ قېتىمقى كۆزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىستېمىلىق رەتلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردا ئىككى يېرىم ئاي خىزمەت قىلىدىكەن، كۆزىتىش مەزگىلىدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، پوچتا خەت ساندۇقى ھەم كۆزىتىش ئىككىلىك كودى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئالاقىدار پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2025- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125