ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ
4- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئون نەچچە «كىچىك نېجا» 2000دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك يۈگۈرگۈچىلەر بىلەن بىللە يۈگۈردى، كۈلكە سادالىرى تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
2025- يىلى تۇرپان يارغول مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (42.195 كىلومېتىر)، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى (0975.21 كىلومېتىر) ۋە ساغلاملىق بويىچە يۈگۈرۈش(6 كىلومېتىر)تىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىندى.
«مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قالتىس گۈزەل مەنزىرىدىن ھالقىغان بىر قېتىملىق ئاجايىپ سەپەر. بۇ تۇپراقنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى مېنى مەپتۇن قىلدى. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى مەن ئىلگىرى كۆرگەن مەنزىرە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، ھەربىر مەنزىرە نۇقتىسى بىر تارىخىي ھېكايىنى بايان قىلىپ تۇرىدىكەن، تۇرپاندىكى ئادەم، مەنزىرە، مۇسابىقە ھاياتىمدىكى گۈزەل ئەسلىمە بولىدۇ.» مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن ئاۋسترالىيەلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر پائۇل داۋىد بۇ قېتىمقى ئۈچ كۈنلۈك تۇرپان سەپىرى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلاندى.
مۇسابىقىدىن بۇرۇن، پائۇل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بىرنەچچە ماھىر بىلەن بىرلىكتە يالقۇنتاغ، يارغول قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، تۇيۇق ۋە بېزەكلىك مىڭئۆيىنى ساياھەت قىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار مۇسابىقە نومۇر تاختىسىغا ئاساسەن مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بېلەت ھەققىنى تېجەپ قالدى.
پائۇل بىلەن سەپەرداش بولغان ئاۋسترالىيەلىك يۈگۈرگۈچى سى مايۈن مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچىلەر كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپتۇ، لىنىيەدە تۇرپاندىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىلىرى ئەپچىللىك بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپتۇ، باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرقى نۇقتىغىچە، پىدائىيلارنىڭ خۇش تەبەسسۇمى ماڭا ئۇلارنىڭ بۇ شەھەردىن شەرەپ ھېس قىلىپ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى».
«تۇرپان 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، كارىز سۇغىرىش سىستېمىسى مېنى قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. مەن بۇ مۇسابىقىنى دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلدىم، كېلەر يىلى يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» سى مايۈن تەبىئىيلا تۇرپان يارغول مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەلچىسى بولدى.
2025- يىللىق تۇرپان يارغول مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە جەمئىي 2531 كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك 63 نەپەر تەنھەرىكەتچى ھەم يەرلىكتىكى 1000دىن ئارتۇق ساغلاملىق بويىچە يۈگۈرۈشكە قاتناشقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2016- يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، بۇ مۇسابىقە تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ۋە شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى.
«تۇرپان يارغول مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە تەنتەربىيە ساياھەت داڭلىق ماركىسى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھەم ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلالايدۇ، ھەم تەبىئىي مەنزىرە ۋە تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلالايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتالايدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەر ئائىلە بويىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ بۇنىڭغا قاتناشتى» دېدى تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شا ۋېي.
مۇسابىقە جەلپ قىلغان سىرتتىن كەلگەن نەچچە مىڭ يۈگۈرگۈچى سەۋەبىدىن تۇرپان مېھمانسارىيى ئىككى كۈن بۇرۇنلا ئادەم بىلەن لىق تولدى، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلار ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى سىجىل جانلاندى. بېيجىڭ تيەنتەن لېپاۋ ئۆمىكىنىڭ باشلىقى باۋ ۋېنفا قايىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يەرلىكنىڭ مۇسابىقىنى تەشكىللىشى تەرتىپلىك، يوللىرى تۈز بولۇپ، ماھىرلار كۆپ قېتىم قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى. كەچلىك بازاردىكى شىنجاڭ كاۋىپى، تونۇر كاۋىپى، پولۇ كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىكەن».
4- ئاينىڭ 5- كۈنى، تۇرپاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 27 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، كەچ كىرگەندىن كېيىن چىراغلار ئەتراپنى يورۇتتى. ئۈزۈم كەچلىك بازىرىنىڭ ئەتراپى ئاپتوموبىللار بىلەن لىق تولغان، 3000 ئادەم سىغىدىغان غىزالىنىش رايونىدا بىكار ئورۇن قالمىغانىدى، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى تاماق ئۈستەللىرىدە كىشىلەر كۆڭۈللۈك غىزالىنىۋاتاتتى، بالىلار شادلىق مەيدانىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى.
2024- يىلى تىجارەت باشلىغان ئۈزۈم كەچلىك بازىرىدا، ئۈزۈم بارىڭى، مەززىلىك تائاملار، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە سەھنە ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغانىدى. شا ۋېي پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يەرلىك كىشىلەرمۇ بۇ يەرگە كېلىپ سالقىنداپ يىغىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، 7- ئايدا ئۈزۈم پىشقاندا، كۆپچىلىكنىڭ يەنە كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىپ، ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».