ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جيا چۇنشيا) 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەت سەنئەت فوندى ياردەم بەرگەن، چىڭخۇا داشۆ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «ئورتاق يۇغۇرۇلۇش نۇرى − جۇڭگو . پاكىستان سەنئەت ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا قانات يايدۇرۇلدى. بۇ كۆرگەزمىدە «يۇغۇرۇلۇش ۋە سۆھبەتلىشىش» باش تېما قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھازىرقى زامان سەنئىتىدە ئورتاق بار بولغان ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ئۆزگىچە پەرقى نامايان قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن كۆرۈرمەننى كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە رەسىم، ھەيكەل، قۇرۇلمىلىق سەنئەت قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى توپلانغان، باش تېمىسى مول، ئۇسلۇبى كۆپ خىل، تاش غار سەنئىتى بىلەن ھازىرقى زامان ئىجادىيىتىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇرمۇش، تەپەككۇر قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە خاسلىقىنى ئىپادىلىشى نامايان قىلىنغان.
تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، قەدىمكى يىپەك يولى خۇددى بىر ۋاسىتىگە ئوخشاش جۇڭگو بىلەن چەت ئەل مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇردى. جيەنتولو سەنئىتى قەدىمكى دەۋردىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ قالتىس گۇۋاھچىسى. بۇددا دىنى سەنئىتى جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى يىپەك يولى بويىدىكى تاش غار سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خۇاشيا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سەنئەت ئىپادىلىنىشى بولۇپ قالغان. كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغان جيەنتولو ھەيكەللىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىر كۆچۈرۈش ۋە 3D بېسىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ ياسالغان بولۇپ، پاكىستان جيەنتولو سەنئىتىنىڭ كىلاسسىك ھەيكەلتىراشلىقى دەل جايىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى جۇڭگو- پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى جيەنتولو سەنئىتىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش تۈرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆرۈرمەن جياڭ سىدۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «3D تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، خۇددى زامان ۋە ماكان ھالقىپ تارىخ بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولدۇق».
جۇڭگو بىلەن پاكىستان تارىختا باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ كەلگەن، رەقەم تېخنىكىسى بولسا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈنمۇ سۇپا ھازىرلاپ بەردى.
«ئۆزئارا چۈشىنىش يىراق- يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ رىشتە ئۈزۈلمەيدۇ.» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى ليۇ شىچىڭ: كۆرگەزمە كۆرۈرمەنلەرگە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، تىل مۇھىتى، سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى سەنئەت سۆھبىتى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى، دەپ بىلدۈردى. بۇ كۆرگەزمە 5- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.