بېيجىڭ داشۆ دوكتورىنىڭ ياشلىق جاسارىتى
00:50:15 2025-04-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغچات بازىرىدا بىر كادىر بار، ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇ دەل يۈ يۈ.

بېيجىڭ داشۆ خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ 2019- قارارلىق دوكتورلۇقىنى پۈتكۈزگەن، شۇنداقلا بېيجىڭ داشۆدىن دوكتۇرلۇقنى پۈتكۈزۈپ تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام ئىش ئورنىغا بىۋاسىتە بېرىپ خىزمەت قىلغان يۈ يۈ ھازىر ئۇلۇغچات بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

ئارزۇ قوغلىشىپ چېگرا رايونغا كېلىپ، ياشلىقىنى تاۋلاش

«مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم، چېگرا رايون تەسۋىرلەنگەن شېئىرلارنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.» ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە قۇرۇلۇش ئىلمى گىرەلەشمە پەنلىرىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ كەلگەن يۈ يۈ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىم توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىلگىنىمدە، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان قايناق ھېسسىياتىم بىردىنلا ئۇرغۇپ تاشتى.

2019- يىلى، يۈ يۈ بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە پويىزدا ئولتۇرۇپ، ئاتۇش شەھىرىگە كېلىپ، ئازاق يېزىسى تىجەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدى. ئۈچ يىل جەريانىدا، يۈ يۈ شۇ جايدىكى ئاممىنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، بىكار تۇرغان ئۆيلەردىن جانلىق پايدىلىنىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ كەسىپ كوچىسى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 200 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. 2021- يىلى، ئۇنىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى.

2023- يىلىنىڭ بېشىدا، يۈ يۈ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغچات بازىرىغا يۆتكەلدى. بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئىشلار ئۈستىدە ئويلىشىپلا قالماي، ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلاشتى.

ھەرقانداق ئىشتا خەلقتىن ھال- ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل- پاراسەت سوراش؛ دەبدەبىلىك ئاشكارا نەتىجىلەرنى قوغلاشماي، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن نەتىجىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىقنى توسۇش... يۈ يۈنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇلۇغچات بازىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزدى. يۈ يۈ قايتا- قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «باشتىن- ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى».

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، يۈ يۈ ۋە خىزمەتداشلىرى «سۆزلەش، مەسلىھەتلىشىش، بېجىرىش، باھالاش»تىن ئىبارەت تۆت خەتلىك خىزمەت ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى. «كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك سۆزلىگەندە، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بىرلىكتە ئامال تېپىپ، مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىمىز. ئاخىرىدا بۇ ئىش بېجىرىلىپ ۋۇجۇدقا چىققاندا، رازى بولۇش- بولماسلىقنى ئامما ئۆزلىرى باھالايدۇ» دېدى يۈ يۈ.

مۇھىتنى ياخشىلاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئۇلۇغچات بازىرىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا ئىدى. يۈ يۈ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

ئۇلۇغچات بازىرىدا يامغۇر پەسلىدە ھۆل- يېغىن كۈچلۈك، مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ يولى قاتتىقلاشتۇرۇلمىغاچقا، بىر مەيدان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، ئولتۇراق رايوننىڭ يولى پاتقاق بولۇپ كېتىپ، تۆۋەن تەرەپكە توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ چىققىلى بولماي، نۇرغۇن كىشىنىڭ بىرلىكتە كۈچەپ ئىتتىرىپ چىقىرىشىغا توغرا كېلەتتى، يەر شەكلى ئېگىزرەك جايدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاھالىلەر تالاش- تارتىش قىلىدىغان ئىش پات- پات يۈزبېرىپ تۇراتتى.

«ئۇلۇغچات بازىرىدا بۇنداق ئولتۇراق رايونلار يەنە ناھايىتى كۆپ.» يۈ يۈ مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئاممىۋى مۇلازىمەت يېتىشەلمىگەچكە، بايلىق چەكلىك بولغان ئەھۋالدا، زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۈ يۈ ئامما ۋەكىللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ مەسلىھەتلەشتى. دەسلەپتە كۆپچىلىك بۇ ئىشنىڭ بېجىرىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدىغان- چىقىرىلمايدىغانلىقىغا نىسبەتەن گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولغانىدى، پۈتۈن ئولتۇراق رايوننىڭ يول يۈزىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، مۇھىتىنىڭ گۈزەللەشكەنلىكىنى، يەر ئۈستى- ئاستى سۈيى، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنىڭ ياتقۇزۇلۇپ تاماملانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى. كۆپچىلىك ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۆزلىرى پىلانلىدى، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوڭايلا ھەل بولۇپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ «باش قەھرىمان»لىق ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش روھى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلۇپ، ئولتۇراق رايون ئۈنۈملۈك تۈزەلدى.

ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى. يۈ يۈ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 3- كەسىپنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن بازارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئىلگىرى، ئۇلۇغچات بازىرىدىكى ئامما مال سېتىۋالغاندا ھەمىشە ئاتۇش شەھىرى ياكى قەشقەر شەھىرىگە بېرىشنى تاللايتتى، بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن بىر كۈن كېتىدىغان بولۇپ، تولىمۇ قولايسىز ئىدى.

بۇلتۇر، يۈ يۈ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناھايىتى تېزلا، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان تۈرلۈك ئاشخانا، كىيىم- كېچەك دۇكىنى قاتارلىق دۇكانلار ئۇلۇغچات بازىرىغا ماكانلاشتى، چوڭ تىپتىكى تاللا بازار، مېھمانسارايلارمۇ بەس- بەستە كىرىپ ماكانلاشتى. ھازىر ئاممىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇرمۇش ئېھتىياجىنى بازاردىلا قاندۇرغىلى بولىدۇ، بازارنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ گۈللەندى، فۇنكسىيەسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ئامما دائىم سىرتقا قاتراپ يۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

نىشاننى بېكىتىپ، شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش

بۇ يىل، يۈ يۈ نەزەرىنى پورتقا قاراتتى ھەم يېڭى تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئەركەشتام پورتى بىزنىڭ ناھىيەمىزدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى ئۇچقاندەك ئېشىۋاتىدۇ، بۇلتۇر ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلا 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.» يۈ يۈ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەتكە يۈزلىنىپ، ئۇلۇغچات بازىرى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارغا مۇلازىمەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر تەرەپلىمە، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئۈن- تىنسىز ھالدا ياخشى سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دوستلارنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇردى، ئۇلار جۇڭگونى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدى.

«بىر يىلدا <ئۇل سالدۇق>، ئىككى يىلدا <كۆۋرۈك سېلىپ يول ياسىدۇق>، بۇ يىل بىز <شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ،> تاغ- دېڭىزلاردىن ھالقىيمىز، ئىستىقبالىمىز گۈزەل.» يۈ يۈنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق قارىدى: ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتىنىمىزنىڭ «غەربىي دەرۋازىسى»نى ياخشى قوغدىغانلىق دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق، «مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125