«ئەنسىرىمەڭ، بىز بار»
00:57:02 2025-04-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

4- ئاينىڭ 5- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى قوغادەن كەنتىدە، زۇلبى ماشىراب ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئۇچراپ قالغان كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: «ئائىلىڭىزنىڭ باش قېتىنچىلىقى ھەل بولدىمۇ؟» دەپ سورىدى.

«ھەل بولدى، مەن موماينىڭ تەلىيىم بار ئىكەن» دەپ جاۋاب بەردى زۇلبى خۇشال ھالدا.

كەنت ئاھالىلىرى دەۋاتقان باش قېتىنچىلىق زۇلبى ئائىلىسىنىڭ بىر قىش يىغقان قوي قىغىنى ئېتىزلىققا يۆتكەپ ئاپىرالمايۋاتقانلىقى ئىدى. 74 ياشلىق زۇلبى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، ئېرىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا كۆپ يىل بولغانىدى، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىردىنبىر ئوغلىنىڭ بوغۇم ياللۇغى كېسىلى قوزغىلىپ قالغاچقا، ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېتىپ كېلەيلا دەپ قالغان بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋاقتى ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايتتى، ئانا- بالا ئىككىيلەن غەم قىلىپ تىت- تىت بولدى.

«موما، ئەنسىرىمەڭ، بىز بار!» 3- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، قوغادەن كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى كۈندىلىك زىيارەت جەريانىدا، زۇلبىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى بىلىپ، مومايغا شۇ ھامان تەسەللىي بەردى.

3- ئاينىڭ 31- كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ئالتە خەلق ساقچىسى ۋەچە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئون كىشىلىك «پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت مۇلازىمەت ئەترىتى» تەشكىللەپ، زۇلبى موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوي قىغىنى تازىلاپ توشۇدى.

قوي قوتىنى دىمىق، نەم بولۇپ، پۇرىقى بۇرۇننى ئېچىشتۇراتتى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ بەزىلىرى خالتىغا قاچىلىدى، بەزىلىرى يۆتكەپ توشۇدى، بەزىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدىدى، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئۇدا غەيرەت قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق، بەش ئاپتوموبىل قوي قىغىنى موماينىڭ يەتتە مو ئارپا ئېتىزىغا يۆتكىدى. «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ئەگەر سىلەر ياردەم قىلمىغان بولساڭلار، مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم» دېدى زۇلبى ئارقا- ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ.

قوغادەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ساقچىخانىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زۇلبىغا يار- يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. «ئەنسىرىمەڭ، بىز بار!» بۇ، ئۇلارنىڭ مومايغا بەرگەن ۋەدىسى.

زۇلبى ياش ۋاقتىدا ناھايىتى قابىلىيەتلىك، ئىرادىلىك ئىدى. كېيىن ئېرى ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇشى بىلەن، ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان، كۆپ ئويلايدىغان، سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. موماينىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تولغان كەچۈرمىشلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ: «موما، غەم قىلماڭ، بەختسىزلىكنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىز ئالدىمىزغا قارايلى» دېدى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، بەزىدە بىر خالتا گۈرۈچ، بەزىدە بىر تۇڭ ماي ئېلىپ باردى، بەزىدە ھويلىسىنى تازىلاپ بەردى... بارا- بارا زۇلبىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم كۆپەيدى، قەلبىمۇ ئىللىقلىققا تولدى.

ياۋ چېڭ ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، ئۇنىڭ زۇلبى بىلەن ئالاقىسى ئەڭ كۆپ. بىر قېتىم، ياۋ چېڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش زۇلبىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغاندا، ئۆيگە كىرمەي تۇرۇپلا توختىماي يۆتەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇ تېز قەدەم بىلەن كىرىپ، زۇلبىنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ياۋ چېڭ موماينى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ھەق تاپشۇرۇپ، تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئالدى. ياۋ چېڭنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، زۇلبىنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى. كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قولۇم- قوشنىلار ياۋ چېڭنى تىلغا ئالغاندا، زۇلبى باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «بۇنداق ياخشى بالىنى ھېچيەردىن تاپقىلى بولمايدۇ» دېدى.

يەنە بىر قېتىم، زۇلبىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا، ياۋ چېڭنىڭ بۇرنىغا دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق ئۇرۇلدى. ئەسلىدە، مەشنىڭ قاپقىقى ياخشى يېپىلمىغان بولۇپ، كۆمۈر ئىسى چىقىپ كەتكەنىدى. «بۇ بەك خەتەرلىك!» ياۋ چېڭ بىر تەرەپتىن ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىپ، بىر تەرەپتىن موماينى يۆلەپ ھويلىغا ئېلىپ چىقتى. شۇئان كاربون چالا ئوكسىدتىن سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، موماينىڭ ئۆيىگە ئورنىتىپ بەردى ھەم سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن مومايغا كۆرسىتىپ بەردى. «سىز ناھايىتى ئېنىق دەپ بەردىڭىز، مەن ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، ئىسسىنىشتا بىخەتەرلىككە چوقۇم دىققەت قىلىمەن» دېدى زۇلبى.

قوغادەن كەنتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قىشتا سوغۇق شامال چىقىپ، قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىر قېتىم، ياۋ چېڭ زۇلبىنى يوقلاپ بارغاندا، موماينىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرۇپ نان يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولغاچقا، ئۆيدىكى سۇ تۇرۇبىسى توڭلاپ قالغان، چىراغنىڭ يانمايدىغان بولۇپ قالغىنىغىمۇ خېلى كۈنلەر بولغانىدى. خەلق ساقچىلىرىنى ئاۋارە قىلىشتىن خىجىل بولغاچقا، زۇلبى كۈنلىرىنى بىر ئامال قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ياۋ چېڭ ئورۇندۇققا دەسسەپ قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ بىر ھازا تەكشۈردى، ئاندىن يەنە كەنتكە بېرىپ رېمونتچى ئۇستام ئىزدىدى. ناھايىتى تېزلا، ئۇ ئۇستام بىلەن ھەمكارلىشىپ توك يولى ۋە سۇ تۇرۇبا يولىدىكى كاشىلىلارنى تۈگەتتى. ئۆينىڭ چىرىغى ياندى، سۇمۇ كەلدى. زۇلبىنىڭ كۆزىگە يەنە بىر قېتىم ياش كەلدى.

ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشقا ئەقىل كۆرسەتتى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى چۈشەندۈردى، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى پىلانلاپ بەردى... ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى ھەربىر كىچىك ئىش، ھەربىر «مىكرو ھەرىكەت» ئارقىلىق زۇلبىنىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىپ، موماينىڭ تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

«ئەنسىرىمەڭ، بىز بار!» بۇ، زۇلبىغا بېرىلگەن ۋەدە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جايدىكى قىيىنچىلىقى بار بارلىق ئاممىغا بېرىلگەن ۋەدە. ۋەچە چېگرا ساقچىخانىسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئائىلە ئارخىپىنى مەخسۇس تۇرغۇزۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى بىر- بىرلەپ خاتىرىلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ ساقچىخانا خەلق ئۈچۈن تۈرلۈك مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىدىن 36 قېتىم قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىدىن 89نى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125