ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ھەم «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» ئۆتكۈزۈلدى
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
ما شىڭرۇي، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ھەم «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»نى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى.
كونسۇلتاتسىيە جەريانىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق جانلىق ئىستىل قۇرۇلۇشى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لار، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەستە چىڭ ساقلاش، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بوشاشماي دائىملىق تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توسمىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل- چىرىكلىك مەسىلىسىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سىجىل چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت كەيپىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
تيەن شياڭلى رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىكى ئۆگىنىش- تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدىكى قىسمەن كۇرسانتلار ئاساسىي دەرسخانىدا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە دەرسخانا تەسىس قىلىندى.