گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى:
ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ئامېرىكا بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتى %125كە ئۆستۈرۈلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇنداق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ، «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ئامېرىكا بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تەڭشەش تەدبىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (باج قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇشى 2025- يىللىق 5- نومۇرلۇق)دىكى بەلگىلىمە بويىچە قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتى تەڭشىلىپ، %84تىن %125كە ئۆستۈرۈلىدۇ. باشقا ئىشلار «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى ئامېرىكا بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (باج قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇشى 2025- يىللىق 4- نومۇرلۇق) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى»نىڭ باج نىسبىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا %125كە ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتا تاموژنا بېجىنى بىنورمال ئۆستۈرۈپ قوشۇپ ئېلىشى خەلقئارا ئىقتىساد- سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، شۇنداقلا تۈپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە ئومۇمىي ساۋاتقا خىلاپ، بۇ، پۈتۈنلەي يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلىپ تەھدىت سېلىش قىلمىشى.
ئامېرىكا تەرەپ داۋاملىق تۈردە قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى يەنە يۇقىرىلاتقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيا ئىقتىساد تارىخىدىكى كۈلكىلىك ئىش بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتىكى تاموژنا بېجى سەۋىيەسى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا كىرگۈزىدىغان تاۋارلىرىنى ئەمدى بازارنىڭ قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى رەقەم ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرسا، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. لېكىن، ناۋادا ئامېرىكا تەرەپ جاھىللىق بىلەن ماھىيەتلىك ھالدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە داۋاملىق زىيان يەتكۈزسە، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي قارشى جازا قوللىنىدۇ، ئاخىرغىچە تەڭ تۇرىدۇ.