ئامېرىكىنىڭ «تاموژنا بېجى پوپوزىسى» يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ
10:15:55 2025-04-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭ شېڭ

«تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويغاندىن كېيىن، مال باھاسى ئۆرلەپ قايسى دەرىجىگە يېتىدۇ؟» كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇشۇنداق گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان باھا ئۆرلەش، تەمىنلەش كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى قاتتىق تەشۋىشلەندى، ھەتتا ماددىي ئەشيالارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاشقا باشلىدى. ئامېرىكا تەرەپ قوللانغان ئىقتىسادىي ئەسەبىزم قىلمىشى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپ بولۇپ، نەچچە ئون يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ شەكىللىنىپ پىشىپ يېتىلگەن يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى سۈنئىي ھالدا ئۈزۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كاشىلا پەيدا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يەرشارىۋى بازاردىكى تەقسىملىنىش ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغانلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، كەسىپ، ئەمگەك كۈچى، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلىشى، بايلىق تەقسىملەش جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلىشى، بازارغا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى بەلگىلەپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، نەچچە ئون يىللىق بازار رىقابىتىدە تاۋلىنىپ چىققان ئۈنۈمنىڭ ئەڭ ئەۋزەل يېشىمى.

جۇڭگو تەرەپ يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن زور مىقداردىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئارىلىق مەھسۇلاتلار ۋە كاپىتال بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ تاللىشىنى بېيىتىپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇردى. جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئامىل ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. جۇڭگو ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكىنى مەبلەغ قاتارلىق ئامىل بايلىقىنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقۇرۇش ھالقىسىغا سېلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى ساھەلەرگە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئېنېرگىيە بايلىقى سەرپىياتى ۋە مۇھىت قوغداش بېسىمىنى تۆۋەنلەتتى.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى «بىرى يەنە بىرىگە تايىنىدىغان» نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان قوش يۆنىلىشلىك تاللاش. 2024- يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مال سودا سوممىسى 688 مىليارد 280 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %3.7 ئاشتى. جۇڭگودىكى ئامېرىكىلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %53 كارخانا 2025- يىلى جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. 2024- يىللىق ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئومۇمىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولدى، تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ سانى چېگرا سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى؛ ئالما شىركىتىنىڭ 200 ئاساسلىق تەمىنلەش كارخانىسى ئىچىدىكى %80تىن ئارتۇق كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ ئامازون سۇپىسىدىكى 3- تەرەپ سودىگەرلىرى جۇڭگونىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىپ باھا رىقابەت كۈچىنى ساقلىدى... جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى باشتىن- ئاخىر ئۈنۈم لوگىكىسىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، مەنپەئىتى باغلىنىشلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خام ماتېرىيال ئېكسپورتى، ئارىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۆستۈردى.

ئامېرىكىنىڭ «تاموژنا بېجى پوپوزىسى» يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى بازار بايلىق تەقسىماتىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنى زورلاپ قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇندى، لېكىن ئەمەلىيەتتە، تاموژنا بېجى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق دەرىجىمۇدەرىجە تەسىر كۆرسىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە كەسىپنىڭ كاۋاكلىشىش خەۋپ- خەتىرىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياسىمىچىلىقنى قايتا گۈللەندۈرۈش مەقسىتىگە يېتىش تەس بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. گېرمانىيە ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقى بىرلەشمىسى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك جازالاش خاراكتېرىدىكى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئېغىر زىيان پەيدا قىلىدۇ، بۇنداقتا ئىككى تەرەپلىك سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە بىر مەيدان بىر- بىرىگە توسۇق قۇرىدىغان دەرىجىسى ئۆسكەن قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت مەنپەئىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۆز كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش ئىقتىساد ئوبزورچىسى مارتىن ۋولف مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى سودا سىستېمىسىغا قاراتقان رادىكال سىياسىتى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە بەرپا قىلىنغان ئوچۇق سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئېچىنىشلىق ھەم چوڭقۇر بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ.

تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى بىلدۈردىكى، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۈچى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئورتاق خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ قاراپ، قارشى تەرەپنى رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بىلىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ مول ئېلاستىكلىققا، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125