بىھۇدە ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك
10:58:56 2025-04-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىھۇدە ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ يۈەن، ۋاڭ ياخۇڭ

 مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن بىھۇدە ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شەكىل»گە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئۈنۈم»گە ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىشلىشى، جايىدا ئىشلىشى كېرەك.

 نۆۋەتتە بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا يەنىلا بىھۇدە ئىش قىلىشقا بېرىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. بەزىلەر يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داغدۇغا پەيدا قىلىش، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىدۇ؛ بەزىلەر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ «ئۆزىنى كۆرسىتىش شەكلى» «تەشتەك مەنزىرىسى شەكلى»دە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ؛ بەزىلەر تاراتقۇ ئالدىدا ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلىسىمۇ، دوكلات قىلغاندا كەسكىنلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرگەندە «گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق»... بۇنداق مۇغەمبەرلىك قىلىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قىلمىشلىرىغا قارىتا، جەزمەن ئەمەلىي تەلەپنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

 «ساختا ماھارەت»نى تاشلاپ، نىشاننى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئىپادىسى كۆپ خىل، شەكىللىنىش سەۋەبى مۇرەككەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشى ئىستىل مەسىلىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە تەخىرسىز بولسا، شۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. فوكۇس ئارىلىقىنى توغرىلاش، پەللىنى توغرا تېپىش، ئەجەللىك يېرىنى تۇتۇش ئارقىلىق، خىزمەتتە ياسالمىلىق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دەيدىغان ئىدىيە ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، بۇزۇپ - چېچىپ راھەتپەرەسلىك قىلىدىغان ۋە ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلىدىغان ناچار كەيپىياتنى قاتتىق توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 «ساختا ئابرۇي»نى تاشلاپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلقتىن ئۆگىنىپ، كىبىرنى تاشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا يېقىنلىشىش، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك. ھەم خىزمەت ۋەزىيىتى ياخشى ۋە ئىلغار جايلارغا بېرىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ھەم ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ، خىزمەتنىڭ ئىشلىنىشى ناچار بولغان جايلارغا بېرىپ، قىيىنچىلىق بىرقەدەر كۆپ، ئەھۋال مۇرەككەپ، زىددىيەت ئۆتكۈر جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

 «ساختا تەدبىر»نى تاشلاپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن كۈچىنى ئايىماي ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىگەندىلا، ئاندىن خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. خىزمەتتە «يالغان گەپ قىلىش، پو ئېتىش، قۇرۇق گەپ سېتىش» ئادىتىنى چۆرۈپ تاشلاش، «قۇرۇق ۋەدە» بەرمەسلىك كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

 خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقىغا قارىتا، خەلق ئاممىسى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، تىرىشىپ ساختىلىقنى تاشلاپ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ قەلب ۋە كاللىغا سىڭىشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125