قېيىنئانا ۋە كېلىن ئىككىسى كۆلگە چۈشۈپ كەتتى شىنجاڭلىق يىگىتلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى
«ئۆزىمىزنى قەھرىمان دەپ قارىمايمىز، بىز پەقەت توغرا ئىش قىلدۇق»
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن
ھايات- ماماتلىق پەيتتە، ھامان بىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
شەندۇڭ ئەمگەك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى 6- ياتاق بىناسى 413- ياتاقنىڭ تېمىغا ئېسىلغان «خەتەرلىك جىددىي پەيتتە ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ ئادەم قۇتقۇزغان شەپقەتچىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر شەپقىتىنى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لەۋھە 3- ئاينىڭ 5- كۈنى جىنەن يۈەنبويۈەن باغچىسىدا يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق ھايات- ماماتلىق قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشتىن گۇۋاھ بېرىپ تۇراتتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شۆيۈەندىكى شىنجاڭلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى يەنى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابدۇكېرىم ئادىل، گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابدۇسالام مەتنىياز، قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن بىلال ئابدۇۋەلى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئىككىسىنى سوغۇققا قارىماي قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق «شىنجاڭلىق ئوغلان»لارنىڭ باتۇرلۇقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. 4- ئاينىڭ 9- كۈنى، جىنەن شەھىرى چاڭچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي- قانۇن كومىتېتى ئۇلارغا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك ئېتىراپنامىسى تارقىتىپ بەردى.
«ئۇلارنى تېز قۇتقۇزۇۋالايلى»
3- ئاينىڭ بېشىدا جىنەندە ئەتىيازنىڭ سوغۇق شامىلى يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، كۆل يۈزىدىكى قار- مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىمىگەن بولۇپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ئىدى.
ئابدۇكېرىمنىڭ جىنەن شەھىرىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقىنىغا بىر يىل بولدى، ئۇ تېخى دوستلىرى بىلەن بىللە بۇ جاينى ياخشى ئايلىنىپ باقمىغانىدى. 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ساۋاقداشلىرى ئابدۇسالام، بىلال بىلەن بىللە جىنەندىكى يۈەنبويۈەن باغچىسىغا كېلىپ، شىنجاڭدىكىگە ئوخشىمايدىغان باھارنى ھېس قىلىپ باقماقچى بولدى.
سائەت 14لەر ئەتراپىدا، ئۇلار كۆل بويىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ كۈلكە- چاقچاق قىلىۋاتقاندا، جىددىي تورمۇزلىغان ئاۋاز كۆل بويىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. تۆت چاقلىق بىر ساياھەت ئاپتوموبىلى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، كۆل بويىدىكى تاش رېشاتكىغا سوقۇلۇپ، ئىككىيلەن سۇغا چۈشۈپ كەتتى.
بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ئابدۇكېرىم دەرھال: «ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى!» دەپ توۋلىدى.
ئۈچەيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا تۆت ئەتراپقا چېپىپ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئىزدىدى. قىرغاققا 20 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى تازىلىق ئۆيىدىن بىلال بىر توبانى ئېلىپ چىقىپ، قىرغاققا قاراپ ئېتىلدى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چوڭ ئانا كالتەكنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقاندىن كېيىن، ئابدۇسالام ئۇنى تارتىپ يېقىن ئەكىلىپ، ئۇنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ، كۈچەپ سۇدىن تارتىپ چىقاردى.
قىرغاققا چىقىرىلغاندىن كېيىن، چىرايى تاتارغان، كالپۇكلىرى كۆكىرىپ كەتكەن چوڭ ئانا تىزلىنىپ تۇرۇپ: «سىلەردىن ئۆتۈنەي، كېلىنىمنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» دېدى.
قىلچە ئىككىلەنمەي سۇغا سەكرەپ چۈشۈش
چوڭ ئانىنىڭ ئۆتۈنۈشى ئابدۇكېرىمنى تەشۋىشلەندۈردى، ئۇ ھېچقانداق ئويلانمايلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەمراھلىرىغا: «مەن سۇغا چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزاي» دېدى. شۇنداق دېگىنىچە قىلچە ئىككىلەنمەي سۇغا سەكرىدى.
ئابدۇكېرىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، سۇ ئاستىغا قايتا- قايتا شۇڭغۇپ ئىزدىدى، ئاخىر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلدىن بەش مېتىر يىراقلىقتا كېلىننىڭ سىيماسىنى بايقىدى. كېلىن كۆل ئاستىغا چۈكۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، سېزىمىنى يوقاتقانىدى.
ئابدۇكېرىم دەرھال ئۈزۈپ بېرىپ، كېلىننى سۇ ئاستىدىن تارتىپ چىقاردى، سول قولى بىلەن كېلىننىڭ بېلىدىن تۇتۇپ، ئوڭ قولى بىلەن كۈچەپ ئۈزۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى قىرغاق تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. پۈتكۈل جەرياندا، ئۇ كۆتۈرۈپ ماڭغان كېلىندە ھېچقانداق سېزىم يوق بولۇپ، تولىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئابدۇسالام ئاتقان قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ، كېلىننى قىرغاققا تارتىپ ئېلىپ چىقتى.
كېلىن ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، ئاجىزغىنا نەپەس ئېلىۋاتاتتى، ئابدۇكېرىم ھارغىنى ۋە توڭلاپ تىترەپ كەتكىنىگە پەرۋا قىلماي، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، كېلىننى يانچە ياتقۇزۇپ، دۈمبىسىنى قېقىپ سۇنى چىقىرىۋەتتى، بۇنى تاكى كېلىننىڭ نەپىسى ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇردى.
بىلال بىلەن ئابدۇسالام ئۆزىنىڭ چاپىنىنى سېلىپ، قېيىنئانا ۋە كېلىن ئىككىسىگە كىيگۈزۈپ قويدى. ئابدۇكېرىمنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن توڭلىغىنىنى ئۇنتۇغانىدى، ئۇ كۆڭلىدە پەقەت سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قېيىنئانا ۋە كېلىن ئىككىيلەننىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىلا ئويلاۋاتاتتى.
قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى، قېيىنئانا ۋە كېلىن ئىككىيلەن يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلدى. تەلىيىگە يارىشا، كېلىننىڭ ئۆپكىسىگە ئازراق سۇ يىغىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋال ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى، ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، ئۇ ئاستا- ئاستا ھوشىغا كەلدى، چوڭ ئانىنىڭمۇ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.
«كىملا بولسا شۇنداق قىلغان بولاتتى»
پۈتۈن بەدىنى چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئۈچەيلەن دوختۇرخانىدا قېيىنئانا ۋە كېلىن ئىككىيلەننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، جىممىدە كېتىپ قالدى. ئابدۇكېرىم مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن بەدىنى قىزىپ قېلىپ رۇخسەت سورىدى، يېتەكچى مياۋ لىۋېي مۇئەللىم ئۇنى يوقلاپ كىرگەندە، ئۇ ھېچ ئىش يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىشنى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالمىدى.
«ئادەتتە بۇ بالىلار ناھايىتى شىجائەتلىك، ئۇلارنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىدىن ھېچقانداق تاسادىپىيلىق ھېس قىلمىدىم، پەقەت بالىلارنىڭ توڭلاپ ئاغرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ھەم پەخىرلەندۇق، ھەم ئىچىمىز ئاغرىدى» دېدى مياۋ لىۋېي.
«ئەينى چاغدا كۆپ ئويلىنىشقا ۋاقىت يوق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە بولمايدۇ دەپلا ئويلىغانىدىم.» ئابدۇكېرىم ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ماددىي جەھەتتىن رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا ئۈچەيلەن سىلىق رەت قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: «كىملا بولسا شۇنداق قىلغان بولاتتى!»
ئابدۇكېرىمنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئانىسى تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ: «ئەخمەق بالام، ناۋادا ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا، بىز قانداق قىلاتتۇق» دېدى. دادىسى: «بىز سەندىن پەخىرلىنىمىز» دېدى.
ئابدۇكېرىم ئۆزىنىڭ قىلغىنىدىن قالتىس ئىش قىلىۋەتكەندەك ھېسسىياتتا بولمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم، قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئادەم قۇتقۇزدۇم.» ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەت ئادەمنىڭ ھاياتىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان بىر خىل كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك ئېتىراپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچەيلەن مۇنداق دېدى: «بىز لاچىن بايەكە ئاكىمىزنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇپ قۇربان بولغانلىق ھېكايىسىنى ئاڭلىغان، ئۇنى ئىزچىل ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ كەلدۇق، ھەربىر ھاياتلىق بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۆزىمىزنى قەھرىمان دەپ قارىمايمىز، بىز پەقەت توغرا ئىش قىلدۇق».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)