«بۇ يەردە، مەن كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم»
11:17:13 2025-04-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «بۇ يەردە، مەن كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم»

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

 3- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى فېي دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىردى. ھەر كۈنى دوختۇرخانىغا بالدۇر بېرىش ئۇ 20 يىلغا يېقىن دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ئادەت، ھەتتا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق.

 لى فېي ئاق خالاتنى ئالماشتۇرۇشقا ئالدىرىماي، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ، ئالاھىدە ئەھۋال بار- يوقلۇقىنى سوراپ، ئاغرىقلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىگىلەپ، چامى يېتىدىغان بەزى ئىشلارنى ياردەم قىلىپ ھەل قىلدى، ئاندىن پەلەمپەي لىفىت بىلەن بىر قەۋەت- بىر قەۋەتتىن چىقىپ ئامبولاتورىيەدىكى ئادەم سانىنى تەكشۈردى، ئاخىرىدا 6- قەۋەتتىكى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا باردى.

 لى فېي بۇرۇنلا ئۆزىنى ھەقىقىي شىنجاڭلىق دەپ قارىغان بولۇپ، 20 يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا رىشتە باغلىغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ. 2005- يىلى، 25 ياشلىق لى فېي شەندۇڭ داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق تېبابەت كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا ئاۋاز قوشۇپ، غەربكە ماڭغان پويىزغا چىقتى. پويىز تەكشى كەتكەن تۈزلەڭلىكتىن يولغا چىقىپ جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن، يەنە بىپايان قۇملۇق ۋە چۆللۈكلەردىن ئۆتتى، 55 سائەتلىك سەپەر ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى شىنجاڭ بىلەن زىچ باغلىدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، يەنە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ توختىماي يول يۈرۈپ، لى فېي ئاخىر ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇن − قورغاس ناھىيەلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى. ئەينى چاغدا، قورغاس ناھىيەسىدە 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن مۇشۇ بىرىلا بار ئىدى، «ئادەم يېتىشمەسلىك» لى فېينىڭ بۇ جايغا بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى بولدى.

 ئىككى يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، لى فېي خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ قۇلاق- بۇرۇن- كېكىردەك بۆلۈمىگە كىرىپ ئىشلەپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلىدا يىلتىز تارتتى.

 تېببىي خادىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، لى فېي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. خىزمەتداشلىرى لى فېينى ھەقىقىي «كېسەلخانا دوختۇرى» − دوختۇرخانىدا قونىدىغان دوختۇر دەپ چاقچاق قىلاتتى. خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا لى فېي «شىنجاڭغا تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار ئۈلگىسى» «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق» «ئىلى ياشلار 4- ماي مېدالى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 شۇنداق بولۇپلا قالماي، لى فېي يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقاتچى بولدى، باشقا جايلارغا بېرىش پۇرسىتى بولسىلا، ئىختىيارسىز ھالدا باشقىلارغا شىنجاڭنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا بېرىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۇ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئېلىۋېلىپ، دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا كۆپچىلىككە قويۇپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىم ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتتى، «بۇ جايدا مەن كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم».

 2023- يىلى 7- ئايدا، كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن، لى فېينىڭ باشلامچىلىقىدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە غەربىي قىسىم پىلانى كۆرگەزمە زالى قۇرۇلۇپ، غەربىي قىسىم پىلانى سىياسىتى، مۇنەۋۋەر پىدائىيلارنىڭ ئىش ئىزلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. «چاپچالدا غەربكە كۆچۈش ھېكايىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھى بىلەن بىزنىڭ شىنجاڭدا قېلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز ئوخشاش.» لى فېي مۇنداق بىلدۈردى: ياشلاردا ئەزەلدىن قايناق ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق كەم ئەمەس، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ قۇرۇلۇشقا قاتناشتى ھەم بۇ جايدا تۇرۇپ قالدى، بۇ روھقا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 «ئەگەر غەربىي قىسىم پىلانى بولمىسا، ھازىرقى مەنمۇ بولمايتتىم، ماڭا بەخت ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلدۇرىدىغان ھازىرقىدەك تۇرمۇشۇممۇ بولمايتتى.» لى فېي مۇنداق دېدى: مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ ياشلىق ھېكايەمنى بالىلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، بۇ قىزغىن مۇھەببەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش يولىنى نۇرلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125