1 مىليارد +! شىنجاڭ تور يازغۇچىسى ساھە ھالقىپ گۆھەر قازدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو
پىژىلداپ مېيى ئېقىپ تۇرغان سامسا تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئۇزاق يىللىق قۇم- بوران بىلەن ئۇچراشقاندا، تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇلغان تونۇردىن كۆتۈرۈلگەن گۈلخان مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ئەگرى- بۈگرى يوللىرىنى يورۇتقاندا... شىنجاڭدىكى ئادىمىيەت، جۇغراپىيە خاسلىقىغا ئىگە بۇ ئېلېمېنتلار تور يازغۇچىسى يىن مىن (تەخەللۇسى «يۈسۇڭشۇ»)نىڭ قەلىمى ئارقىلىق، ئاجايىپ- غارايىب قەدىمىي قەبرە تېمىلىرى بىلەن ئەپچىل يۇغۇرۇلدى. دەل مۇشۇنداق ئىجادىي تېمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇزاق مەزگىل سۇپىنىڭ قىزىق نۇقتا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ئىجاد قىلغان تور ئەسەرلىرىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 1 مىليارد قېتىمغا يېتىپ، شىنجاڭنى ئەدەبىي تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان شەكىلدە ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلەندۈردى.
«تور ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يولدا مېڭىشىم پۈتۈنلەي گۈزەل تاسادىپىيلىق» دېدى يىن مىن. قارامايدا تۇغۇلۇپ كىچىكىدىن نېفىت سانائەت رايونىدا چوڭ بولغان بۇ يازغۇچىنىڭ قەلبىدە بىردىنلا ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىش پەيدا بولدى.
نېفىت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن دوستلارغا ئوخشىمايدىغىنى يىن مىن داشۆدە سودا- سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنى تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىسخولوگىيە ئىلمىنى تاللاپ ئوقۇغانىدى. 2005- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مېھمانساراي ۋە نېفىت زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىپ، نورمال «ئىشلەمچى»لىك تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن تەقدىرنىڭ بۇرۇلۇشى كۆپىنچە ئارام ۋاقىتلىرىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ − ماۋپۇ تورىغا باشچىلاپ كىرىپ يازمىلارنى كۆرۈۋاتقان كۈنلەردە، ئۇ «ساۋ ساۋنىڭ قەبرىسى» توغرىسىدىكى ئومۇمىي خەلق مۇنازىرىسىگە تاسادىپىي قاتنىشىپ قالدى.
«ئەينى چاغدا، تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىزغىنلىقى مېنىڭ قىزىقىشىمنى تەلتۆكۈس ئويغاتتى.» يىن مىن مۇنداق دېدى: «مەن كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپىدىكى تارىخقا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم.» بۇنىڭ بىلەن مەندە مۇنداق بىر ئوي پەيدا بولدى: يازما مۇنازىرىنى كۆرۈپ پۇخادىن چىقمىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۆزۈم يازمايمەن؟
2010- يىلى يىن مىن ماۋپۇ تورى مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى «قەبرە ئوغرىلىغان چاغدىكى ئىشلار»نىڭ 1- قۇرىنى چەككەندە، ئېكسپېدىتسىيە، ئارخېئولوگىيە بىلەن فانتازىيە يۇغۇرۇلغان بۇ روماننىڭ ئالقىشلىق ئەسەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. ھېكايىدە شىنجاڭ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، كۈچلۈك غەربىي شىمال قۇم- بورىنى پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تېزلا تورنى بىر ئالدى. روماننىڭ ۋەقەلىكى ئىخچام بولۇپ، فانتازىيەلىك تەسۋىرلەر ئۈزۈلمەيدۇ. كىتابتا باش پېرسوناژنىڭ قەبرە ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا قايتا ئويلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئاچ كۆزلۈك قىلىپ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان، شۇنداقلا قانۇنچىللىق ۋە ئەخلاق- پەزىلەت توغرىسىدا كىشىلەرگە سوئال قويۇلغان.
«قەبرە ئوغرىلىغان چاغدىكى ئىشلار» كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇدا 13 ئاي ماۋپۇ تورىدىكى رومانلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرۇپ، 700 مىليون قېتىم چېكىلىشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى، رەسمىي نەشر قىلىنغاندىن كېيىن يەنە لەنرېن تىڭشۇ سۇپىسىدىكى بازىرى ئىتتىك كىتابلار ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما سانلىق مەلۇماتلاردىنمۇ بەكرەك كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى يىن مىننىڭ جاھىللارچە ئىجاد قىلىش ئۇسۇلى بولدى، «ئەگەر رومان ۋەقەلىكىگە مەن ئىشىنەلمىسەم، ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ ئىشىنەلمەيتتى».
ئەسەرگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە چىنلىق تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن، يىن مىن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمىدى. قەبرە ئىچىدىكى تۇنجۇقۇش تۇيغۇسىنى دەل جايىدا ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇ مېھمانخانا ئۆيدە قەغەز يەشىك بىلەن تار يول ياساپ، تاكى مۇسكۇللىرى ھەربىر سۇڭ ئارىلىقتىكى سېزىمنى ھېس قىلغانغا قەدەر ئۈچ سائەت ئۆمىلىدى. يەر ئاستىدا ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان باش قېيىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئۇ كىيىمىنى كىيىپ ھورداقخانىغا كىرىپ، ھور چىقىپ تۇرغان ئىسسىق ھاۋادا تۇنجۇقۇپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان چاغدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسنى خاتىرىلىدى، چىققاندىن كېيىن، كىيىمىنى سىقىۋېدى يېرىم جىڭدەك سۇ چىقتى. ئۇ فىزىيولوگىيەلىك كەچۈرمىشىنى ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باش پېرسوناژنىڭ رولىغا سىڭىپ كىردى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈردى.
«قەبرە ئوغرىلىغان چاغدىكى ئىشلار»نىڭ بىر كېچىدىلا داڭقى چىققاندىن باشلاپ، يىن مىننىڭ ئىجادىيەت يولى خۇددى يانغىندەك يورۇپ، توختىماي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە شىنجاڭ ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئون نەچچە يىلدا ئارقا- ئارقىدىن «تەلۋىلەر» «قەبرە ئوغرىلاش جەريانىدىكى ۋەھىمىلىك ئىشلار» «نۇرانە كۆز» قاتارلىق 20گە يېقىن روماننى ئىجاد قىلدى. ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ خەت سانى جەمئىي 21 مىليوندىن، ئوقۇلۇش مىقدارىنىڭ پۈتۈن توردىكى چېكىلىشى 1 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى، كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ سېنارىيەلەشتۈرۈش ھوقۇقى ئارقا- ئارقىدىن سېتىلدى ھەم كەينى- كەينىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش تۈرى مەدىتىگە ئېرىشتى.
يىن مىن يەنە ئىجادىيەت نۇقتىسىنى بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىگىچە كېڭەيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختالغاندا ئۇ تولۇپ تاشقان ئىللىقلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ھەم قىزىم ئۈچۈن يازدىم، شۇنداقلا بۇ بارلىق بالىلارغا قىلغان سوۋغىتىم.» ئۇنىڭ «دەريا بويىدىكى زېرەكلەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا قارامايلى تېغىدىكى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، بالىلار، ھايۋاناتلار ۋە كەڭ تەبىئەتنى چۆرىدىگەن ھېكايە بايان قىلىنغان. يىن مىننىڭ قەلىمىدە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئادىمىيەت مەنزىرىسى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىچىك ئوقۇرمەنلەرنى ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئاجايىپ دۇنياغا باشلاپ كىردى.
بۇلتۇر، «يۈسۇڭشۇ تور ئەدەبىياتى خىزمىتى ئىشخانىسى» قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا ماكانلاشتى، بۇ، يىن مىننىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەنە دائىم تور ئەدەبىياتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ياشلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە مىكرو قىسقا تىياتىرلارنى سېنارىيەلەشتۈرۈشنى سىناق قىلىپ، «تىيانشان تېغىدىكى ئېرىمەس قارلاردەك چوڭقۇر مۇھەببەت» «مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم مىڭ يىلدىن كېيىنكى دەۋردىن كەلگەن» قاتارلىق نۇرغۇن مىكرو قىسقا تىياتىرلارنى ئىشلەشكە قاتناشتى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىكرو قىسقا تىياتىرلار بارغانسېرى ئالقىشلاندى، تور ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە توپلانغان بايان قىلىش تەجرىبىسى ۋە رىتىمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى سېنارىستلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە پۇختا ئاساس سالدى.» يىن مىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مىكرو قىسقا تىياتىرنىڭ يەككە قىسمىنىڭ ۋاقتى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈرمەنلەرنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان بايان قىلىش ماھارىتىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
«كەلگۈسىدە، مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ تېما ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مول ئەدەبىيات كانىنى چوڭقۇر قازىمەن.» يىن مىننىڭ كۆزلىرىدىن ئىجادىيەتچىلەرگە خاس قىزغىنلىق چاقناپ تۇراتتى. ئۇ بۇ تۇپراقنىڭ تارىخىي ئاساسى ۋە ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈپ، يېزىق ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق، كۆپ خىللاشقان شىنجاڭنى نامايان قىلىشنى پىلانلىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)