ئۇ كۆممىقوناقنى 100 مىليون يۈەنلىك چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى
11:34:08 2025-04-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۇ كۆممىقوناقنى 100 مىليون يۈەنلىك چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

 3- ئاينىڭ بىر كۈنى، خې تيەنشەن بالدۇرلا شىركەتكە كېلىپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىچۇەنگە توشۇلىدىغان كۆممىقوناقلارنى قاتتىق ئۆلچەم بويىچە ئاپتوموبىلغا تەرتىپلىك قاچىلىدى.

 خې تيەنشەن ئارشاڭ ناھىيەسى شىنتيەننۇڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ باققان، دۇكان ئېچىپ باققانىدى. 35 يېشىدا، ئۇ ئىگىلىك تىكلەش نەزەرىنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە قاراتتى.

 «ئارشاڭ ناھىيەسى خاربۇخ بازىرىدا كۆممىقوناقنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ ھەم سۈپىتى ياخشى، مەن بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، نەتىجە يارىتىشقا بەل باغلىدىم.» خې تيەنشەن مۇنداق دېدى: 2010- يىلى، مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئارشاڭ ناھىيەسى شىننۇڭ كۆممىقوناق تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇم، 44 كەنت ئاھالىسى پاي قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن قاتناشتى، تۇنجى قاراردا 2000 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىدۇق.

 «كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز يېڭىدىن كۆممىقوناق قۇرۇتۇش زاۋۇتى قۇردۇق، مەبلەغ سېلىپ چوڭ تىپتىكى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن ئىككىنى سالدۇق.» خې تيەنشەن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرى سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىز بىر تەرەپتىن يەم- خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتۇق.

 2019- يىلى، ئارشاڭ ناھىيەسى شىننۇڭ كۆممىقوناق تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقان كەنت ئاھالىسى 153 كىشىگە، كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 6000 موغا يەتتى. ئەڭ زور دەرىجىدە پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خې تيەنشەن يەنە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ئۇ قەرەللىك ھالدا چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، باقمىچىلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى چوڭ تىپتىكى گۆش پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە تاللا بازارلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى پائال ئورنىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى ھەم بورتالا شەھىرىدە قوي- كالا گۆشىنى توپ سېتىش دۇكىنىدىن ئۈچنى ئاچتى.

 «بىز كۆممىقوناقنىڭ شاخ- شۇمبىلىرىدىن پايدىلىنىپ قوي- كالا باقتۇق، باقمىچىلىقتا ھاسىل بولغان قوي- كالا قىغىنى ئېچىتقاندىن كېيىن ئورگانىك ئوغۇت تەييارلاپ ئېتىزنى ئوغۇتلاپ، ھەم بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، ھەم تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» خې تيەنشەن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەن ھەريىلى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى باشلاپ بېيجىڭ، شاڭخەي، سىچۇەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆگەندىم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، كۆرگەن- بىلگەنلىرىم كۆپەيدى.

 ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، «كۆممىقوناق تېرىش ۋە قۇرۇتۇش − كۆكباش كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش ھەم پىششىقلاش − شاخ- شۇمبىنى يەم- خەشەك قىلىپ پىششىقلاش − باقمىچىلىق ھەم ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاپ ئېتىزنى ئوغۇتلاش» بىر گەۋدە قىلىنغان يېشىل كەسىپ ئايلانما ئەندىزىسى رەسمىي شەكىللەندى.

 2021- يىلى، ئارشاڭ ناھىيەسى شىننۇڭ كۆممىقوناق تېرىقچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزاسى 326 كىشىگە يېتىپ، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئاشتى. كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خې تيەنشەن كەسكىنلىك بىلەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ياڭيۇ، كاۋا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا يېتەكلىدى، يەنە ئەتراپتىكى يېزا- بازارلارنىڭ قونىقىنى تۈركۈملەپ سېتىۋالدى.

 2024- يىلى، خې تيەنشەن شىركەت پايچىكلىرى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن كۆكباش كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە كىراخمال ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىلغار كۆكباش كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىنى كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «جياڭشياۋباڭ» كۆكباش كۆممىقوناق ماركىسىنى ياراتتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، تور + تور سىرتىدا سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، شىركەت تېرىقچىلىق، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى، ئىشلەپچىقىرىلغان كۆممىقوناقلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىتتىك سېتىلدى. 2024- يىلى، شىركەت بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سېتىش سوممىسى 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەتراپتىكى 1000 ئائىلىدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

 خاربۇخ بازىرى ئەلموتۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قەيسەر مۇنداق دېدى: «مەن ئائىلەمنىڭ 40 مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۆزۈم كۆممىقوناق قۇرۇتۇش زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن. قىشتىكى بوش ۋاقىتلاردا شىركەت يەنە بىزنى تېخنىكلاردىن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى».

 خاربۇخ بازىرى دوندۇبۇخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زېڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: خې تيەنشەنگە ئەگىشىپ كۆممىقوناق تېرىغاندىن بۇيان، مەن كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە كۆكباش كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ مۇدىرى بولدۇم، تېرىقچىلىق ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلىدىم، باشقۇرۇش ئورنىدىمۇ مول تەجرىبە توپلىدىم.

 خې تيەنشەن مۇنداق دېدى: «بىر ئادەم بېيىسا بېيىدى دېمەيمىز، كۆپچىلىك تەڭ بېيىسا ئاندىن قالتىس ئىش بولىدۇ. شىركىتىمىز تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە يۇرتداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇرتداشلارنى تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125