گۇاڭجوۋدىن كەلگەن بىر تۈركۈم مال 4- ئاينىڭ 11- كۈنى «<تىيانشان> ناملىق − گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» ئارقىلىق ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا يەتكۈزۈلگەن، ئاندىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يۆتكەپ توشۇلۇپ، گۇرۇپپىلاپ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەر تاماملانغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا بېسىلىپ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىغا يەتكۈزۈلدى.
بۇ شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتى «بىر تالون تۈزۈمى» بويىچە مال توشۇشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇشى بولۇپ، ماللارنى پۈتۈن مۇساپىدە «بىر قېتىم ھاۋالە قىلىش، بىر قېتىم راسچوت قىلىش، بىر تالون بىلەن ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش»تەك «بىر تالون تۈزۈمى» تىرانسپورت ئەندىزىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بارلىققا كەلتۈرۈلدى، شۇنداقلا پۈتۈن مۇساپىدە ئېلېكتىرونلۇق تالون ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتى جەريانىدىكى ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ۋە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش تاماملاندى، بۇ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت «بىر تالون تۈزۈمى» خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى»، «ئەشيا ئوبوروتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى خىزمىتى ئىشخانىسى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى «بىر تالون تۈزۈمى» ئارقىلىق كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت كەسىپ تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىشكە پائال تەشكىللىدى.
بۇ قېتىمقى «تىيانشان» ناملىق گۇاڭجوۋ- ئۈرۈمچى- ئالمۇتا تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ بەرپا قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بۇ تۈركۈم ماللارنى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىغا قاراشلىق خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى، سودا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىرلىشىپ توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، تۇنجى بۆلەك تۆمۈريول تىرانسپورتىدا خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتى «<تىيانشان> ناملىق − گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» يۈك ساندۇقى نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق گۇاڭجوۋ خەلقئارا پورتىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا توشىدى. ئاخىرقى بۆلەك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدا سودا ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى تاماملىدى.
شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى سودا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جاڭ يوۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى تىرانسپورت «بىر قېتىم ھاۋالە قىلىش، بىر قېتىم راسچوت قىلىش، بىر تالون بىلەن ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، خېرىدارلار پەقەت بىر قېتىم ھەق تاپشۇرسىلا، توشۇش، ساقلاش، قاچىلاش- چۈشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى قاتارلىق نۇرغۇن توشۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن ئارىسىدىكى بىر- بىرلەپ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش، تالون ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش، قىسقا يوللۇق توشۇش، مال ئالماشتۇرۇش، قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلار قىسقارتىلىپ، تىرانسپورت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى ئۈنۈملۈك تېجەپ قېلىندى.
بۇ قېتىمقى تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتى «بىر تالون تۈزۈمى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنىڭ «تىيانشان» ناملىق كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت سۇپىسى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ سۇپىنى شىنجاڭ ماۋتۇڭ ئاقىل پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېچىپ قۇرغان بولۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، رايون- بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرتىپلىرىنى تورلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ ماۋتۇڭ ئاقىل پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فېڭ چۇنلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇپا تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ ئەمەلىي كەسىپ تەرتىپىنى ئاساس قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئاپتوماتلاشقان پەرقلەندۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت تالونى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تالونى سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنىڭ «تىيانشان» ناملىق كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مال ئېلىش تالونىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈپ، «بىر تالون بىلەن ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى. (مۇخبىر گو لىڭ)