خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك
17:42:36 2025-04-14 «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى

  ● شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى ماقالىسى

  خەلق رايىغا قۇلاق سېلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»ىدا 2025- يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇپ، ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا زور تىرەكلىك رولغا ئىگە بولغان، ھەم پۇقرالارنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ قانات يايدۇرۇش بېكىتىلدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. 

 جۇ جيەنجياڭ (قەلەم تەۋرەتكۈچى)

 شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىن 

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئائىلە ئىشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى، جاھاننىڭ ئىشلىرىدا، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ.» بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك».

  خەلق تۇرمۇشى خەلق بەختىنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ: «تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. خەلققە بەخت يارىتىش − خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە بوشاشماس ئىنتىلىشى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ لوگىكىلىق ئالدىنقى شەرتى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئەمەلىي مەقسىتى. يېڭى مۇساپىدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى» «يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى، يېڭى بۇرچى». ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى چوڭ ئىشى قىلىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچەپ، يەنىمۇ كۈچ چىقىرىپ، 2025- يىلى شەھەر- بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر- بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەپ، سالماقنى سىجىل زورايتىپ، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسىپلىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشىگە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، سىياسەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى، قار- مۇز ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە قاتارلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ قوشۇشىغا تايىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت تورىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىش ئورنى ھازىرلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى مۇلازىمەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا چىققان ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىشقا، شەھەرلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار بىلەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشى چوڭ، مېيىپ، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشسىز قالغان قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئامما توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قاراتمىلىق يار- يۆلەك بولۇپ، ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قاراتمىلىق تەشكىللەپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.» مائارىپ مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى مۇھىم ئىش. مائارىپنىڭ خەلقچىللىق خاراكتېرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپ ئادىللىقىدىن ئىبارەت خەلق كەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىراجەت سېلىنمىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئىسلاھاتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاقە تورى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ تەمىناتىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش كېرەك. ئاساس مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاساس مائارىپىنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ جاپالىق، چەت- يىراق رايونلار ۋە كەڭ يېزا- كەنتلەرگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا يەسلىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مائارىپنىڭ سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر- يېزىلار، رايونلار، مەكتەپلەر، ئامما توپى ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىللە كەلگەن پەرزەنتلەر، ئۆيدە قالغان بالىلار، مېيىپ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ئۆزگىچە پەن + ئۆزگىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە پەرقلىق تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەتلىك تاماق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك.

  ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىجتىمائىي كاپالەت − خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات- تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى بىخەتەرلىك تورى، كىرىم تەقسىماتىدىكى تەڭشىگۈچ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى تەۋرىنىشنى پەسەيتكۈچ بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ مەسىلە.» خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش قىممەت ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىشتا قەتئىي بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشتا «بىر تاختا شاھمات» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات سىياسىتىنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالدى- كەينىدىكى سىياسەتلەرنىڭ مۇقىم جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياشانغانلار كۆپىيىشكە ھازىرلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ رېئال زور تېمىنى پائال تەتقىق قىلىپ، ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى (سىناق)»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىرتۇتاش قېلىپلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغانلارغا قويۇلغان نوپۇس تەۋەلىكى چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر- بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر- يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، باراۋەر بولغان، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلىش كېرەك. مەھەللە قوللاش ئاساسىدىكى ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى تورى بەرپا قىلىپ، «15 مىنۇتلۇق» مەھەللە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئادىمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا، دەل جايىدا، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ساغلاملىق بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، ساغلاملىق 1، باشقىلىرى كەينىدىكى 0، 1 بولمىسا، ھەرقانچە كۆپ 0 بولسىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.» خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى خەلق ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تۈجۈپىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى يۇغۇرۇش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى سىجىل زورايتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «كېسەل بولسا داۋالىنىش»تىن «ساغلاملىقنى باشقۇرۇش»قا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىش، پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە روھىي توسالغۇنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مەمۇرىي تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش كېرەك. داۋالاش- ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق يۆنىلىش قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە دائىرىسىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى پىلانلاش، جايلاشتۇرۇش، كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى «داۋالىنىش ئاسان بولۇش، ياخشى داۋالىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى، قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى، موڭغۇل تېبابىتى دورىگەرلىكى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تېبابىتى دورىگەرلىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياشانغانلار، ئانا- بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بالىلارغا بولغان داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياشانغانلار ساغلاملىق مۇلازىمىتى مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاسراش كېرەك. 

(«بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2025- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125