● يىن لۇ ماقالىسى
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ تىپتىكى يەر يۈزى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە دىننى باشقۇرغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. بۇددا مۇنارىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ يىل 1- ئايدا، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى 2024- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى دەسلەپكى باھالاش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ تىپتىكى يەر يۈزى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ساقلانغان، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرىنىڭ تۈرى بىرقەدەر تولۇق، دەۋرى بىرقەدەر بالدۇر ھەم داۋاملاشقان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، ئۇ، خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە دىننى باشقۇرغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىش ۋە ئەۋج ئېلىش كەچۈرمىشى ۋە بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
2025- يىلى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ شياۋيۇڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئۈچۈن شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقىنىنىڭ يەتتىنچى يىلى. ئۆتۈپ كەتكەن كېچە- كۈندۈزلەردە، ئاشۇ «بىرى يۇمىلاق، بىرى چاسا» كەلگەن ئىككى بۇددا مۇنارى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئۈزلۈكسىز بايقالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئارخېئولوگىيە تۈرىنىڭ مەسئۇلى شياۋ شياۋيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بۇ خارابىلىكتىن شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تېپىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.
بىر تەرەپتىن قېزىپ، بىر تەرەپتىن قوغداپ پايدىلىنىش. نۆۋەتتە، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى گەرچە ئاممىغا تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى ئۇنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پىلانىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، قولايلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىزچىللىق، ئىجادچانلىق، بىردەكلىك، سىغدۇرۇشچانلىق، تىنچلىقىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، تارىختىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پاكىتلىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش
شىنجاڭدا، بولۇپمۇ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىق، قاقاسلىقلاردا بۇددا دىنى خارابىلىرى يۇلتۇزلاردەك زىچ تارقالغان، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ مورا كەنتىگە جايلاشقان مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دەل ئەڭ غەربىي ئۇچقا− يەنى بۇددا دىنى جۇڭگوغا كىرگەن دەسلەپكى جايلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئورۇن ئۇنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن. قېزىش باشلانغان 2019- يىلى، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىش دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» مۇھىم تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئارخېئولوگىيەلىك يىل ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مىلادى 3- ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان، كېيىن ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، كېڭەيتىپ ياسالغان، مىلادى 10- ئەسىردىن كېيىن تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان.
1- ئاينىڭ 11- كۈنى، 2024- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى نەتىجىلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شياۋ شياۋيۇڭ 2024- يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىدە يېڭىدىن بايقالغان بىر دانە ساپال كاھىشنى تونۇشتۇردى.
كاھىش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىناكارلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى، ساپال كاھىش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇلۇشلاردا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما ماتېرىيالى بولۇپ، كۆپىنچە ئۆگزە، لەمپىنىڭ سۇ ئاقتۇرىدىغان قىسمىغا، قۇرغۇي قۇيرۇقى شەكىللىك بېزەك ۋە ھايۋان بېشى شەكىللىك بېزەكلەرگە ئىشلىتىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، كۆركەم، گۈزەللىك قارىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن، شۇنداقلا مۇناسىپ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەينى چاغدىكى بىناكارلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىلغانلىق بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«ئۇ بىزگە ئەينى چاغدىكى مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇشىمىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، ۋۇ زېتيەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، غەربىي يۇرتتىكى سۇلى بازىرىدا دايۈن ئىبادەتخانىسى سالدۇرغان، لېكىن ئۇنىڭ ئېنىق ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى يەنىلا سىر بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ساپال كاھىش بىزنىڭ مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىلگىرى مەركىزىي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن ياسالغان چوڭ تىپتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزنى مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئەينى چاغدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»، دېدى شياۋ شياۋيۇڭ.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق بۇت پارچىسى بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقىلىپ كىرىپ، ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە تېخىمۇ كەڭ رايونلارغا تارقالغاندىن كېيىن يۈزبەرگەن خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشقان ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئوخشاش بولمىغان بۇتلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ناھايىتى چوڭ پەرقلىق بولۇپ، بەزىلىرى ھازىرقى راست ئادەملەردىن ئېگىز، بەزىلىرى ئاران نەچچە ئون سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىن چىققانلىقى، ئوخشاش بولمىغان ھەيكەل ياساش ئۇسلۇبىغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ روشەن پەرقى يەنە بۇتلارنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، بوي- بەستى، چىراي ئىپادىسى، چاچ پاسونى، چاچ بېزىكى، كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىپ، ھەممىسىدىن بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش، يۇغۇرۇلۇش، ئىجاد قىلىنىش ئىزنالىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇسلۇبى، تۈرى ھەر خىل بولغان بۇت پارچىلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، كۆپ خىل ياساش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە خاسلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، گانتىخارا ئۇسلۇبى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددا دىنى ئۇسلۇبى، شۇنداقلا غەربىي يۇرتنىڭ يەرلىك ئۇسلۇبىمۇ بار. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «قاڭشارلىق، قاشلىرى قويۇق، كۆزلىرى چوڭقۇر» بۇتنىڭ يۈز پارچىلىرىدە بۇددا دىنى غەربىي يۇرتقا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالاھىدىلىك بار، «ئىنچىكە قاش، ئۇزۇنچاق كۆز، يۇمىلاق يۈز»دە بولسا بۇددا دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكى بار.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش جەريانىنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كەڭ تۇپراقتا سەمىمىيلىك بىلەن ئىزدىنىپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكنى ھېس قىلىش
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ نامى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئارخېئولوگىيەلىك يازما خاتىرىلەردە ئۇچرايدۇ، بۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەرب ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ۋە ئوغرىلىقچە قېزىشىدىن كەلگەن. مورا بۇددا مۇنارى دېگەن نامدىكى مورا دېگەن سۆز ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىنىڭ تۇرخۇنغا ئوخشىغانلىقىدىن كەلگەن، «مورا» ئۇيغۇرچە «تۇرخۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «دارازا»مۇ خاتا ھالدا تاشلاندۇق تۇر دەپ قارالغان.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلىتىمىزنىڭ 2- ۋە 3- قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، خارابىلىكتىكى يۇمىلاق ۋە چاسا شەكىللىك بۇددا مۇنارى ھەم يەر يۈزىدىكى راھىبلار ئۆيىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆلچەپ سىزىپ چىققان ھەمدە مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قالغان.
2001- يىلى 6- ئايدا، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
«قېزىش باشلانغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ خارابىلىك كۆز ئالدىمىزدا بارغانسېرى روشەنلەشتى، مەن ئېلىپ كەلگەن نەچچە تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆسۈپ يېتىلدى.» مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ھەمكارلىشىپ مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىشنى باشلىغاندا، ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدىن كەلگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار، دوكتور ئاسپىرانتلار خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار شياۋ شياۋيۇڭغا ئەگىشىپ، سانسىزلىغان مەخپىيەتلىكلەر ساقلانغان بۇددا مۇنارى ۋە ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى «چوڭ توپا دۆۋىسى»دە «شىنجاڭنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» سەپىرىنى باشلىغانىدى.
شىنجاڭلىق قىز جەۋھەر باقىتبېك مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقاندا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شياۋ شياۋيۇڭغا ئەگىشىپ، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە كېلىپ، قېزىش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئۇنىڭ تولۇق كۇرس باسقۇچىدا تۆت يىل ئۆگەنگەن تارىخ كەسپى ئاخىرى رېئاللىق بىلەن «پاراڭلىشالىدى».
خارابىلىكنى 1- قېتىم كۆرگەندە، كۆز ئالدىدا پەرق ئەتكىلى بولىدىغىنى پەقەت شۇ ئىككى بۇددا مۇنارىلا بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي سېرىق قۇم بىلەن قاپلانغانىدى، شياۋ شياۋيۇڭ كۆپچىلىككە: جاۋابنىڭ دەل ئاشۇ سېرىق قۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىر جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەترەت ئەزالىرى خارابىلىكنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى، يەر قاتلىمىنىڭ كەسمە يۈزىنى تونۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، تازىلانغان بارلىق يادىكارلىقلارنى ھىملەش خالتىسىغا سېلىپ، بەلگە سېلىپ ھەم تۈرگە ئايرىپ ساقلىشى، يەنە يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلغان ئىزى، يادىكارلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئىستېرېئولۇق ئۆلچەم- بىرلىكلىرىنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك... ئېھتىياتچان، ئىنچىكە، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغان مۇھىم دەرسلىكى ئىدى.
ئارخېئولوگىيە تېخنىكىلىق ئىش، شۇنداقلا جىسمانىي ئەمگەك، تاغ- دەريالاردىن ھالقىش، تاغ- داۋانلارغا يامىشىش، دالىدا يېتىپ قوپۇش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قىز ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئىلگىرى كۆپىنچىسى جاپالىق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ باقمىغانىدى، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىر تىك دۆڭدە بولۇپ، دەسلەپتە قىزلار پۇت- قولىنى تەڭ ئىشقا سالغاندا ئاندىن يامىشىپ چىقالىغان، بىر قېتىملىق قېزىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار چەبدەس بولۇپ كەتكەن.
قىزىقىش، قىزغىنلىق، تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆرۈش، شياۋ شياۋيۇڭنىڭ بۇ بىر ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «دەسلەپتە ئىش باشلىغاندا مەيلى ئۇلارنىڭ ئىش قىلىشى ئاستىراق، قىلغان ئىشىنىڭ قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار مەدەنىيەت خارابىلىرىگە يۈزلەنگەندە، كۆزلىرىدىن ھەمىشە مېنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇر چاقنايتتى.» شياۋ شياۋيۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە مەيلى ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى شۇغۇللانمىسۇن، كەڭ تۇپراققا ھۆرمەت بىلدۈرگەن بۇ چاغلار ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا بىر ئۈلۈش مۇھىم تەسىرات قوشىدىكەن.
«ئارخېئولوگىيەنى ئۆگىنىپ، يەنە قېزىش نەق مەيدانىغا كىردىم، مەن مۇشۇنداق مول تارىخىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، جۇڭخۇا زېمىنىدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى ھەقىقىي چۈشەندىم.» جەۋھەر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىكى كۈنلەردە، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايانلىرى، دەرسلىك كىتابتا خاتىرىلەنگەن تارىخقا ھەقىقىي «جان كىرگۈزۈپ»، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلىپ قالتىس، مول، گۈللەنگەن يۇغۇرما ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى روشەن نامايان قىلىپ بەردى.
خارابىلىكنى قوغدىغانلىق ئۆز تارىخىمىزنى قوغدىغانلىق
ھەر قېتىم ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەترىتى مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە كەلگەندە، ئۇلارنى كۈتۈۋالغىلى كەلگەن دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئاكا- ئۇكا توختى غېنى بىلەن ياقۇپجان غېنىنى يىراقتىن كۆرگىلى بولاتتى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ «ئىشخانا رايونى»، شۇنداقلا كىچىكىدىن چوڭ بولغان جاي، ئۆيىگىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس.
ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا تۇرۇشلۇق دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە − دادىسى ھەتتا بوۋىسىنىڭ قولىدىن يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. توختىنىڭ دادىسى غېنى ئېلانى 1985- يىلىدىن باشلاپ مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، توختى چوڭ بولغاندىن كېيىن، دادىسى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان، ئارقىدىن، ياقۇپجانمۇ ئاكىسىغا ئەگىشىپ، ئاكىسى بىلەن بىللە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇھاپىزەتچىسى بولغان.
«دادام ناھايىتى كەم سۆز ئادەم ئىدى، كىچىك ۋاقتىمدا مەن ئۇنىڭدىن ئاۋۇ يۇمىلاق، چاسا شەكىللىك توپا قۇرۇلۇش نېمە؟ دەپ سورىسام، دادام پەقەت ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى بۇددا مۇنارى، قوغداش كېرەك، دېگەن. مەن ئۇنىڭ ئىز باسارى بولغان چاغدىمۇ، ئۇ ئوخشاشلا ئارتۇق گەپ قىلماي، پەقەت <ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چارلايسەن، باشقىلارنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە يول قويما> دېگەنىدى.» توختىنىڭ ھېس قىلىشىچە، بەلكىم دادىسىنىڭ دەل مۇشۇنداق مىجەزى بولغاچقا، خارابىلىكنى شۇنچە يىل ئۆزى يالغۇز ساقلىيالىغان ئىكەن.
توختى ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىدى، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ بېكىتىلگەن قوغداش رايونىدا، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ئۇ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چارلاپ، رېشاتكىنىڭ بوشاپ قالغان- قالمىغانلىقى ياكى يوچۇق بار- يوقلۇقىنى، كىرگەن ئاياغ ئىزى، ئاپتوموبىل ئىزىنىڭ بار- يوقلۇقىنى، قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە بۇددا مۇنارىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بۇزۇلغان يېرىنىڭ بار- يوقلۇقىنى، بۇددا مۇنارى تەگلىكىنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر يىلتىز سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان- ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇردى.
شامال چاقماق دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان تىنما تۈزلەڭلىكتىن ئۆتۈپ، نەمخۇش ھاۋانى مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە تەكرار ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ قوغداش خىزمىتىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ − يامغۇر سۈيىنىڭ كۆپىيىشى خارابىلىكنىڭ ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاشاراتلارمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، قۇرت يېگەن تۆشۈكلەر بۇددا مۇنارىنىڭ گەۋدىسىنى بىر ئالىدۇ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسىمۇ ئاستا- ئاستا مۇنارنىڭ ئاستىغا ئۇزىراپ بارىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى بۇددا مۇنارىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇددا مۇنارىدا كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولغان ھامان، توختى بۇددا مۇنارىنىڭ زەخمىسى، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، يۇقىرىغا دوكلات قىلدى.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى باشلانغاندىن باشلاپ، توختى بىلەن ياقۇپجاننىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدە يەنە بىر تۈر كۆپەيدى، يەنى ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە قېزىشنى ئۆگەندى، «پەن- تېخنىكىلىق ئىشلارنى بىز چۈشەنمەيمىز، قىلالمايمىز، لېكىن كۈچ چىقىرىپ يۈگۈر- يېتىم ئىشلارنى، توشۇيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلالايمىز، بۇ ئىشلارمۇ مەنىلىك. ئۇستازلار دائىم تازىلانغان بۇت، ساپال پارچىلىرى، تەڭگە پۇللارنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ».
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئىگىلىگەن سالمىقى ناھايىتى ئېغىر، ئۇ بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ تۇپراقنىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتىنى بىلدى. «ئارخېئولوگ ئۇستازلار: مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم جاي ئىكەنلىكىنى، بۇ جايدا ئىزچىل كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتا بىر- بىرىگە تايىنىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، ھېسسىيات جەھەتتە بىر- بىرىگە يېقىنلىشىپ، ھەقىقىي جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇ سۆزلەرنى مەن مەخسۇس خاتىرىلىۋالدىم، مەن بۇنىڭدەك ياخشى دېيەلمەيمەن، لېكىن بۇ سۆزلەر مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم.» توختى مۇنداق دېدى: بىزمۇ بۇ تارىخىي ھېكايىلەرنى ئائىلىمىزدىكىلەرگە، كەنتتىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىككە تارىخنى چۈشەندۈرىمىز، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىمىز.
توختى خارابىلىكنى ساقلاپ، ھېكايە ئاڭلىغاچ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئائىلىسىدىكىلەرنى، دوستلىرىنى ھەم ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بىرلىكتە 1800 يىلدىن ئارتۇق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ بۇددا مۇنارىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
بۇ كۈن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.
2024- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، «مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى (2024- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)» دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدە پات ئارىدا «يېڭى شانلىق نەتىجە» يەنە نامايان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كۆركەم قىياپىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىدۇ.
(«بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2025- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى)