● تەكلىپلىك ئوبزورچى شېن ياپىڭ ماقالىسى
مەدەنىيلىك سۆھبىتى كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىزگە شۇنداق ئىلھام بەرمەكتە: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدار، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ باشتىن- ئاخىر ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق ۋە پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان ئەقىل- پاراسەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى بولۇپ، بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچى. ئىككى بۇددا مۇنارىنىڭ بىرى ئېگىز، بىرى پاكار، بىرى يۇمىلاق، بىرى چاسا شەكىللىك بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قاقاس دالىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۇلارنى «مورا» (تۇرخۇن) دەپ ئاتىغان، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى بولسا قولىدىكى گۈرجەك بىلەن مىڭ يىللىق قۇم- توزاننى بىر- بىرلەپ تازىلاپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مىڭ يىللار ئىلگىرى، بۇ يەر ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆل- جەزىرە بولماستىن، بەلكى راھىبلار توپلاشقان، ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئەڭ گۈللەنگەن جاي ئىدى. نەچچە مىڭ يىللىق ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىپايان تۇپراققا ئويۇلغان روشەن بەلگە بولۇپ، بۇ تۇپراقنىڭ ئۆتمۈشىگە گۇۋاھ بولماقتا، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئىلھام بەرمەكتە.
ئىنسانلار تېخى كەڭ كۆلەمدە يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلالمايدىغان دەۋردە، شىنجاڭ ئىزچىل شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، دۇنيا جۇڭگوغا نەزەر سالىدىغان ۋە جۇڭگو دۇنياغا نەزەر سالىدىغان كۆزنەك بولۇپ كەلگەن. يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان قەشقەر (قەدىمدە سۇلى دەپ ئاتالغان) بۇددا دىنى دۆلىتىمىزگە ئەڭ بۇرۇن تارقىلىپ كىرگەن رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرت بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭغا ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ بۇددا دىنى تەرەققىيات تارىخىغىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش يىپەك يولىدىكى بۇددا دىنىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم بايقاش بولۇپ، كىشىلەرگە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى بىناكارلىقى، بۇددا دىنى سەنئىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىشى ۋە راۋاج تاپقانلىقىنى دەلىللەپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغانلىقىنى ئۈنسىز بايان قىلىپ بەرمەكتە.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش شىنجاڭنىڭ «كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان» جاي ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى.
قەشقەر دۆلىتىمىزنىڭ غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا چىقىدىغان دەرۋازىسى، يىپەك يولىنىڭ جەنۇب، شىمالدىن ئىبارەت ئىككى يولى كېسىشىدىغان جاي بولۇپ، «شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دېگەن نامى بار. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ تۇپراق جاڭ چيەن، بەن چاۋ، شۈەنزاڭ، ماركوپولو قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ سانسىزلىغان ئەلچىلىرى، سودىگەرلەر، راھىبلار، ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ- كېتىپ تۇرغانلىقىغا گۇۋاھچى بولدى، شۇنداقلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سانسىزلىغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى.
ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئارقىلىق، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن گەجدىن ياسالغان بۇت، ۋۇجۇ يارمىقى ۋە كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى، چۈلۇ يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يېزىق بېسىلغان يادىكارلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ گانىتخارا ئۇسلۇبىدىكى بۇددا مۇنارى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك 回 خېتى شەكىللىك بۇددا سارىيى ھەمدە خەنچۈەنفو چوڭ بۇددا سارىيى قۇرۇلۇشلىرى بايقالدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاشۇ يۇمىلاق شەكىللىك بۇددا مۇنارىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك چاسا شەكىللىك مۇنار ئۇلى ۋە كومزەك شەكىللىك مۇنار گەۋدىسى بار بولۇپ، مۇنارنىڭ ياسىلىش شەكلىنى 3-، 2- ئەسىردىكى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. خەن، تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە شەرق، غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۇچرىشىشى بۇ يەردە شۇنداق جانلىق ھەم كونكرېت ئىپادىلەنگەن.
مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدارلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بىلەن بېيىيدۇ. ئارخېئولوگلار بۇ كىچىككىنە خارابىلىكتىن قەدىمكى ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇددا دىنى ئەنئەنىسىنى، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆردى. بۇ خىل كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئۇچرىشىشى يىپەك يولىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ كاتتا سۆھبىتى ۋە ئالماشتۇرۇلۇشىنى جانلىق نامايان قىلدى. بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى كاتتا سەھنە بولۇپ، ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك خىلمۇخىل، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت مەنزىرىسى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت تومۇرى بارلىققا كەلگەن.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش «شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون» ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھچىسى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روشەن سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىنى چەتكە قېقىش خاراكتېرى يوق. سانسىزلىغان ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن ئىلگىرى شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان، كېيىن بۇددا دىنى، زوروئاستر دىنى، داۋجياۋ دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭدا تارقالغان. كۆپ خىل دىن قالدۇرغان مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ كەلگەن. تاشقورغاندىن 2500 يىل ئىلگىرىكى ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ ئوت سۇپىسى بايقالدى، چاقىلىقتىكى مىرەن خارابىسىدىن 1800 يىل ئىلگىرىكى يۇنان ئۇسلۇبىدىكى «قاناتلىق پەرىشتە» بۇددا دىنى تام رەسىملىرى بايقالدى، گۇچۇڭدىكى تاڭچاۋدۈن قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن 1200 يىل ئىلگىرىكى نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىسى بايقالدى... ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىدە ئەزەلدىن ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغان، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى.
«ساڭراملار نەچچە يۈزگە، راھىبلار 10 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن». تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۆتىۋەر راھىب شۈەنزاڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دە قەدىمكى سۇلى بەگلىكىدە بۇتخانىلارنىڭ كۆپلۈكى، بۇددا دىنىغا بولغان ئېتىقادنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى تەرىپلىگەن. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، سۇلىدا بۇددا دىنى راۋاج تېپىپ، داڭلىق راھىبلار توپلاشقان، ئۇ ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتتىكى ئاساسلىق بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى تارىخىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلىشى، كىلاسسىك ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان بۇددا مۇنارى ۋە بۇددا سارىيى بىلەن يىراقتىن ماسلىشىپ، بىر- بىرىنى دەلىللەپ، 10- ئەسىردىن ئىلگىرى بۇددا دىنىنىڭ قەشقەر رايونىدا كەڭ تارقالغان ئاساسلىق دىن ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەزەلدىن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچانلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان.» بىر خىل مەدەنىيلىك، قانچە سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق بولسا، ھەرقايسى تەرەپلەر تەرىپىدىن شۇنچە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ، شۇنچە قەدىرلىنىدۇ، قوغدىلىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىدىكى مەنىۋى شىفىر.
مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىكى بىر كىچىك كۆزنەك.
بۇ كۆزنەكتىن بىز كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ توپلانغانلىقى، كۆپ خىل دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ھەممىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنلىكىنى كۆرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى «ھەم كۆپ خىل، مۇھىمى بىر گەۋدىلەشكەنلىك»نى، بۇ «بىر گەۋدە»نىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. 2024- يىلىدىكى قېزىش جەريانىدا، ئارخېئولوگلار بىر دانە ساپال كاھىشنى بايقاپ، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىناكارلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىق مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. ۋۇجۇۋ دەۋرىدە سۇلى بازىرىدا دايۈن ئىبادەتخانىسى سالدۇرغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەر مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىنى دۆلەتلىك چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، ئۇ مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە دىننى باشقۇرغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان. تۈرلۈك قېزىش، بايقاشلار شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن تومۇرداش، زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
يالغۇز مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىلا ئەمەس، زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. ئۇزاق يىللار داۋامىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى كەڭ تۇپراققا تارقالغان 10 مىڭغا يېقىن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئارىلاشقانلىقى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرغانلىقى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «جېنى». پەقەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، گۈللىنىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە مەدەنىيلىكلا ئۆز مىللىتىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى سىغدۇرالايدۇ، ئۆرنەك قىلالايدۇ، قوبۇل قىلالايدۇ.» مەدەنىيلىك سۆھبىتى كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىزگە شۇنداق ئىلھام بەرمەكتە: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدار، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ باشتىن- ئاخىر ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىق ۋە پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان ئەقىل- پاراسەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى بولۇپ، بۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچى.
(ئاپتورنىڭ ئىدارىسى: جېجياڭ تاراتقۇ شۆيۈەنى)
(«بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2025- يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)