نىمكەش ئۆيگە كېلىشىم ئىمزالاشنى توردا بېجىرگىلى بولىدۇ
18:32:22 2025-04-14 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ھازىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى «شىنجاڭ ئاقىل تۇرالغۇ باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى» كىچىك پىروگراممىسىدا نىمكەش ئۆيگە توردا كېلىشىم ئىمزالاشنى ئەنگە ئالدۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ، ئاندىن توردا كۆچمەس مۈلۈك كەسپىنى بېجىرىش بويىچە ئالدىن كېلىشىش نومۇرىنى ئىلتىماس قىلىپ، پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە يىمىن سارىيىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 1- قەۋىتىگە بېرىپ كۆچمەس مۈلۈكنى يۆتكەپ تىزىملاش ۋە باج تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، توردا كېلىشىم ئىمزالاش نىمكەش ئۆي سودىسىدىكى ھالقىلارنىڭ بىرى ئىكەن، شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز مۇلازىمەت زالىدا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەسلىھەت بېرىدىغان خادىملارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق توردا كېلىشىم ئىمزالاش كەسپىنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاممىنى مۇلازىمەت زالىغا كېلىشتىن بۇرۇن يان تېلېفون ئارقىلىق نىمكەش ئۆيگە توردا كېلىشىم ئىمزالاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملاشقا يېتەكلەپ، زالدا كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «يېقىن ئەتراپتا توردا كېلىشىم ئىمزالاشنى بېجىرىش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، ئەسلىدىكى 12 كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمەت تور نۇقتىسى ئاساسىدا، 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى ۋە يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا يەنە ئۈچ تور نۇقتىسىنى كۆپەيتىلگەن.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمەت زالىدا ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاھالىلەر ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتىكى توردا كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمەت تور نۇقتىسىدا ياكى يان تېلېفون تېرمىنالى ئارقىلىق سودا توختامىنى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئېلىش كەسپىنى بېجىرىپ، ئاندىن توردا ئالدىن كېلىشىش نومۇرىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى ئۆي مۈلۈك كەسپى بېجىرىلىدىغان كۆزنەكتىن يېڭىدىن 70نى كۆپەيتىپ، سىرتقا قارىتا رەسمىي كەسىپ بېجىردى. بۇ ئالدىنقى ئىككى يىلدا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، قاتناشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ شۆبە زال مۇلازىمىتىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىششىدىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى شۆبە زال مۇلازىمىتىنىڭمۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىگە ئوڭۇشلۇق ماكانلىشىپ، شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ «بىر زال»غا تولۇق ماكانلىشىشىغا پۇختا ئاساس سالغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

 ئۈرۈمچى نىمكەش ئۆيگە توردا كېلىشىم ئىمزالاش كەسپى بويىچە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 3091655- 0991؛ ئەرز قىلىش تېلېفونى: 13579253098. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125