مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىنىپ، خەلق غەمدىن خالاس قىلىندى
11:03:22 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى بېجىرمەكتە. (مۇخبىر شى لېي فوتوسى)

 «بالام مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، شەنبە، يەكشەنبىدە شياڭگاڭ- ئاۋمېن يول خېتىنى بېجىرگىلى كەلدۇق، بۇنىڭدا ھەم بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىشىغا، ھەم بىزنىڭ ئىشقا بېرىشىمىزغا تەسىر يەتمەيدىكەن، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى». 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە بالىسىنىڭ شياڭگاڭ- ئاۋمېن يول خېتىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىۋالغان شەھەر ئاھالىسى جېڭ گوفاڭ بۇ يېڭى تەدبىرنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

 «19365» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى رەسمىي يولغا قويدى.

 بۇ يېقىشلىق تەدبىر كارخانىلار ۋە ئامما ئۇزاقتىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان «خىزمەت ۋاقتىدا بېجىرىشكە ۋاقىت چىقىرالماسلىق، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بېجىرىدىغان جاي بولماسلىق»تەك قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇردى.

 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى زالىنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھەرقايسى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا چىقىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كەسپىي ساپاسى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك كەسىپلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىپ بەردى.

 جېڭ گوفاڭ مۇنداق دېدى: بالام ئوقۇۋاتقان مەكتەپ شياڭگاڭغا بېرىپ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەنىدى، شۇڭا ئالايىتەن يول خېتى بېجىرگىلى كەلدىم، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ كەسىپ بېجىرگىلى بولىدىكەن، بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار ۋە ئىشلەۋاتقان ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەتچى خادىملار ناھايىتى كەسپىي، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن، پۈتكۈل بېجىرىش جەريانى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.

 ئىگىلىنىشىچە، بېجىرىلىدىغان مۇلازىمەتلەر چېگرادىن كىرىش- چىقىش كىنىشكىسى بېجىرىشتىن باشقا، يەنە بازار ئىجازىتى، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ خىزمەت كۈنىدىن باشقا كۈنلەردىكى ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىكەن.

 بۇ تەدبىر تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماي، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىزدىنىش بولۇپ، كارخانىلارغا پايدىلىق، خەلققە قولايلىق بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياۋ شاڭرۇڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز ھازىر ۋاقتىنچە قوش دەم ئېلىش كۈنىنىڭ شەنبە كۈنىدە سائەت 11:00دىن 13:30غىچە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى بېكىتتى. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا، مەركىزىمىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىقلاردا بېجىرگىلى بولىدىغان ئىش تۈرلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇشنى كەڭ كۆلەمدە ئېلان قىلغانىدى. مەركىزىمىز بۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمەت ئۈنۈمىگە سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە قىسقارتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىدۇ. (مۇخبىر مۇ مىن) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125