ما شىڭرۇي تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ لىدىرى چېن بوۋېن بىلەن كۆرۈشتى
21:47:17 2025-04-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچىدە تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ لىدىرى چېن بوۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي چېن بوۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- تايلاند دوستلۇقىغا مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دۆلىتىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو- تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى روشەن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاچتۇق. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كەيتەي بانكىسى ۋە تايلاندتىكى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چېن بوۋېن مۇنداق بىلدۈردى: تايلاند- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەيتەي بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە يېڭى پۇرسەتكە يۈزلەندى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ دەرۋازىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور. كەيتەي بانكىسى شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تايلاند- جۇڭگو سودىسىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق رايون بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 كۆرۈشۈشكە قاتناشقان بىر قىسىم تايلاند كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 چېن ۋېيجۈن، جىن جىجېن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125