1- پەسىلدە شىنجاڭدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 161 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى
10:37:11 2025-04-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.59 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 1778،رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 161 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.59 ئاشقان.

«ئون چوڭ كەسىپ توپى» تۈرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. 1- پەسىلدە، شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تۈرى 1435،رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 142 مىليارد 474 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.24 ئاشتى. نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كەسىپ توپى، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى كەسىپ توپى قاتارلىقلاردا ئېشىش كۆرۈنەرلىك بولدى.

مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى جەھەتتە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بىردەك كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 90 مىليارد 941 مىليون يۈەن بولۇپ،پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %56.27ىنى ئىگىلىدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 70 مىليارد 686 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %43.73ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.9 ئاشتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى.

2- كەسىپ يەنىلا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان تۈر 1153،رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 122 مىليارد 829 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.29 ئاشتى.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىمۇ پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 90 بولۇپ، 4 مىليارد 916 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى.

سېلىنما مەنبەسىدىن قارىغاندا، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ سېلىنمىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شەرقىي قىسىم رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 109 مىليارد 688 مىليون يۈەنگە يېتىپ، نەقلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %67.86ىنى ئىگىلىگەن، مەبلەغ سېلىش ساھەسى ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، نېفىت خىمىيە سانائىتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆمۈر قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.

1- پەسىلدە، خەلق ئىچى سېلىنمىسى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سالدى. خەلق ئىچى سېلىنمىسى ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %68.64ىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆمۈر، ئۆي- زېمىن قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىندى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ مەدىتىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. 1- پەسىلدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى 104 مىليارد 641 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %64.74ىنى ئىگىلەپ، %20 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، شەندۇڭ، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ جاي نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125