ئاپتونوم رايوننىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى تۇرپاندا باشلاندى
11:09:46 2025-04-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن) 4- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈم باغچىسى مەنزىرە رايونى (مەشرەپ ئۆرپ- ئادەت قورۇقى)دا باشلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىر مەيدان قالتىس بولغان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى.

 بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەۋقە تۇرپاننىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا قويۇلۇپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ئارقىلىق، يېزا- كەنت مەدەنىيىتى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى، كەنت ئاھالىلىرى ماھارىتى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ھەرىكەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

 پائالىيەت نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى. تۇنجى بولۇپ ئورۇنلانغان «ئوت يۇرتىدا بىرلىكتە تەبرىكلەش . يىپەك يولىدا ناخشا ياڭراش» ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشىنىڭ شوخ مېلودىيەسى ۋە قىزغىن ئۇسسۇلى پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سالدى؛ «مىڭلىغان كارىز قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى»دا كارىزنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا تۇرپان خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى جانلىق نامايان قىلىندى؛ «بەسلىشىش سەھنىسىدىكى ياڭراق ناخشىلار باھار شامىلىنى كۈتۈۋالدى» «ئوت يۇرتىدا بىرلىكتە تەبرىكلەپ ئونمىڭ چاقىرىم يىراقلارغىچە ناخشا ياڭرىتىش» قاتارلىق نومۇرلار پۈتۈن مەيدان پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ، قىزغىن چاۋاكلارغا ئېرىشتى.

 «بۇ قېتىمقى <كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى> ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىدە ئەنئەنىۋى كېچىلىك ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، مەنزىرە ئارقىلىق بايان قىلىپ نومۇرلارنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ قويۇش شەكلى قوللىنىلىپ، ھەم ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ساقلاپ قېلىندى، ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى سىڭدۈرۈلدى، چۆكۈش شەكلىدىكى سەھنە لايىھەسى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش- ئاڭلاش تەسىراتى ئېلىپ كېلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى ئەيساجان ساۋۇت.

 «ئىشىك ئالدىدا بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئويۇننى كۆرۈپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. ھەربىر نومۇرنىڭ ھەممىسى خاسلىققا ئىگە ئىكەن، كىشىگە قانغۇچە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەقەززامىز» دېدى تۇرپان شەھەر ئاھالىسى ۋېي چۇنلى.

 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت- ھۆسنخەت- رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن زوقلىنالايدۇ، ھۆسنخەت- رەسىملەردىن ھۇزۇر ئالالايدۇ... سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125