شىنجاڭدىكى بىر تۈر مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
12:07:06 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. مەملىكەت بويىچە 168 تۈر بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تۈر بولۇپ قالدى.

 كېيىنكى ئەۋلاد كەڭ بەلباغ تورنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يۆنىلىشى بولغان 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش تۈرى يېڭىچە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور تەسىراتىنى ئاشۇرۇش، يېڭىچە ئۇچۇر ئىستېمال بازىرىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇشتا ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ.

 شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىدە زاۋۇتنىڭ ئاساسلىق غول تورى ۋە ئۇلاش تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك 10 مىڭ مېگابايتلىق قىلىپ ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش پىلانلانغان بولۇپ، سانائەت بۇلۇت سۇپىسى، 4K/8Kلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈپەت تەكشۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش ئەمەلىي كۆرۈنۈشى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا توسالغۇسىز خىزمەت قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تېرمىنال ئۈسكۈنىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك، مۇقىم تور ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

 سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئۆلكە (رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۇبيېكتىنىڭ نىشاننى سېلىشتۇرۇپ تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى باھالاپ ئانالىز قىلىش ۋە باھا بېرىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 10 مىڭ مېگابايتلىق ئوپتىكىلىق تورلاشتۇرۇش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى تىزىملىكى ۋە نىشاننى تاماملاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ لىلى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125