​ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى بەرپا قىلماقتا
12:25:18 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشتە يەنە يېڭىلىق يارىتىش «چوڭ ھەرىكىتى»نى باشلىدى.

 ھازىر شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، رايون ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلماقتا.

 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى دىققەتنى «ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ يادرولۇق فۇنكسىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئىشلار، قانۇن ئىشلىرى، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت توققۇز چوڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىل بايلىقىنى تەقسىملەش، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇش» بىر گەۋدە قىلىنغان خەلقئارا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن.

 جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى تۈگۈن قىلىپ، شەرقتە پۈتۈن مەملىكەتكە، غەربتە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ غەربكە مەبلەغ سېلىش، سودىنى قانات يايدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى ھەر تەرەپلىمە، بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، سودىنى تۇتاشتۇرىدىغان «يىپەك يولى كۆۋرۈكى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمكارلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش، سودا تور سىرتى بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت كۆزنىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» مۇلازىمەت پۈتۈن زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلارنى 24×7 سائەتلىك «پۈتۈن كۈنلۈك»، «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 يېقىندا، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ تىجارەت سۇبيېكتى − شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلدى.

 جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە 55 ئىتتىپاق ئورۇن بىلەن ئۇدۇللىشىپ ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ، خەلقئارا مۇلازىمەت ئىتتىپاقىدىن 12سى، شەھەر مۇلازىمەت ئىتتىپاقىدىن ئونى، سودا جەمئىيىتى ئىتتىپاقىدىن ئونى، مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئىتتىپاقىدىن 23نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مول بايلىق كەڭ كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىرىش، تەكلىپ قىلىش»نى كۆپ ساھەلىك، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى يەنە 2025- يىللىق «تۆت زەنجىرنى يۇغۇرۇش» يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يىغىنى، كارخانىلارنى سىرتقا چىقىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇش خەلقئارا مۇنبەر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد- سودا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى چەت ئەل بازارلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى ھەمدە كارخانىلار ئۈچۈن 20دىن ئارتۇق چەت ئەلگە ئالاقىدار كەسىپنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ پۈتۈشتى.

 4- ئاينىڭ ئاخىرى 2025- يىللىق شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك سىرتقا چىقىش مۇلازىمىتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 شۇ چاغدا، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى رەسمىي ھالدا سىرتقا قارىتا تىجارەت باشلايدۇ، ئوخشاش مەزگىلدە كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىش مۇلازىمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى مۇلازىمەت ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا ۋىۋىسكا بېرىش، شۇنداقلا شاڭخەي لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى «سىرتقا چىقىرىش» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى شىنجاڭ شۆبە مەركىزى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد- سودا مەركىزى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125