قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇداپىئە لىنىيەسى زىچ توقۇلدى
13:17:26 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

− ئۈرۈمچى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» شىفىر، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى پائالىيىتى تىيانشان رايونى تەشۋىقات كۆرگەزمە ئورنىدا خىزمەتچىلەر ئاممىغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرمەكتە. (مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى)

4- ئاينىڭ 13- كۈنى، ۋېيشىڭ مەيدانىدىكى «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىدا بىر بالا سوئالغا جاۋاب بېرىش ھەمتۈرتكە پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا فوتوسى)

 4- ئاينىڭ 15- كۈنى 10- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىفىر باشقۇرۇش ئىدارىسى «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىفىر قانۇنى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانلىقى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەش»نى باش تېما قىلىپ، 18 ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» شىفىر، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پۈتۈن شەھەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتتى.

 شىفىر بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى

 تەربىيەلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلۈپ خەلق قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىفىر باشقۇرۇش ئىدارىسى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىفىر قانۇنى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانلىقى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى «جۇڭگو ئەجدىھاسى» ناملىق ئەجدىھا ئۇسسۇلى بىلەن باشلىدى، ئارقىدىن «تۇرمۇشىمىز قۇياش نۇرىغا چۆمدى» ناملىق ئۇسسۇل، «چامباشچىلىق جۇڭگو ئارزۇسى» قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلاندى.

 ئامما نومۇرلاردىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، نەق مەيداندىكى 18 تەشۋىقات كۆرگەزمە ئورنىدىمۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى، كەسپىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، باش تېمىلىق رەسىم سىزىش، لەگلەك ئىجادىيىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە مۇكاپاتلىق سوئالغا جاۋاب بېرىش قىزىقارلىق پائالىيىتىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت نەق مەيدانىدىكى مول مەزمۇن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىفىر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىفىر بىخەتەرلىكى شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت مەنپەئىتىگىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە شىفىر بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ جېشىمېڭ مۇنداق دېدى: پائالىيەت ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاشنىڭ ھەربىر پۇقرا ئۆتەشكە تېگىشلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئازادە ۋە خۇشال كەيپىيات ئىچىدە تونۇتۇلدى. بىلىم ئىگىلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى نەق مەيداندىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى شىفىر بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئېڭىغا قارىتا تېخىمۇ بىۋاسىتە تونۇشقا ئىگە قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

 قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قىزىقارلىق ۋە كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى

 ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش خەلق قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى

 «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەربىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك». 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ۋېيشىڭ مەيدانىدا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، دۆلەت مەخپىيىتىنى قاتتىق قوغداش، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.

 شۇ كۈنى، جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ، جۇڭيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ۋېيشىڭ يولى مەھەللىسى، جۇڭيا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتى، سۇڭشەن كوچىسى ئەدلىيە پونكىتى قاتارلىقلار كۆپلىگەن ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ «قانۇن ئاقىللار ئۆمىكى»نى تەشكىللەپ، لېكسىيە سۆزلەش، قانۇنچىللىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئويۇنى قويۇش، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ئۆگىنىشنى شادلىق باغچىسىدا ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش كەيپىياتىنى يارىتىش بىلەن بىللە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئاممىغا يەتكۈزدى.

 «كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تورغا چىققاندا ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گۇمانلىق كىشىلەر ياكى قىلمىشلارغا يولۇققاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك...» پائالىيەت نەق مەيدانىدا، جۇڭيا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاممىغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «ئاساسىي قانۇن»، «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى چۈشەندۈردى ۋە ئالاقىدار تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى تارقاتتى. شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا سورالغان سوئاللارغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بەردى ھەم تەكلىپ بەردى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى تەن فاڭ مۇنداق دېدى: بالام فېيشىڭچى ئوينىغاچ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندى، يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ پاش قىلىش- قوبۇل قىلىش تېلېفونىنىڭ 12339 ئىكەنلىكىنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى.

 جۇڭيا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لى لې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئاممىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىدۇق. بۇ قېتىمقى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەندىزىسىدە ئەنئەنىۋى يەككە يۆنىلىشلىك تەشۋىقات بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھەمتۈرتكىلىك، قىزىقارلىق، تۇرمۇشقا يېقىن شەكىللەر ئارقىلىق قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىنچ- ئامان جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قانۇنچىللىق قۇۋۋىتى قوشۇلدى.

 قۇرۇلۇش ئورنىدا لېكسىيە سۆزلىنىپ، خەلق غەمدىن خالاس قىلىندى

 سودا چەمبىرىكىدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

 ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى شىنخۇا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتىدىكىلەر 4- ئاينىڭ 13- كۈنى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ، «ئاساسىي قانۇننى قۇرۇلۇش ئورنىغا كىرگۈزۈش. قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» ۋە «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى يىن چۈەنجۇڭ ئىشچىلارغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى ئومۇملاشتۇردى. يەنە ئەمگەك ماجىراسى دېلو مىساللىرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپچىلىككە «ئەمگەك قانۇنى»، «ئەمگەك توختامى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى چۈشەندۈرۈپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى ئېشىپ كەتسە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى بەرمەسلىك، توختام ئىمزالىمىغاندا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمىنى ئالماق تەس بولۇش قاتارلىق دېلو مىساللىرىنى ھەمبەھرىلىدى ھەم مائاش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، مائاش بېرىش نىزامى ۋە ھېساباتنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تەھلىل قىلىپ، ھوقۇقنى قوغداش يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىشلىگۈچىلەر توپىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتى رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى، گاۋتيې ئەدلىيە پونكىتى رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى قاتارلىق ئون نەچچە تارماق، ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىدا «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى» ھەم «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئەدلىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى، ئاساسىي قانۇن قاتارلىق قانۇن بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى تەتبىقلايدىغان ياخشى كەيپىياتنى ياراتتۇق. (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125