​بۇ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ 1- پەسىلدىكى سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى
15:41:50 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ شەرقىي يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ شاڭخەي پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى شىنجاڭ فەنيا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. خىزمەتچى خادىملار كۆزىنى ئېكراندىن ئۈزمەي، بارماقلىرىنى كۇنۇپكا تاختىسىدا ئوينىتىپ، Ozon سۇپىسىغا تېز سۈرئەتتە مەھسۇلاتلارنى يوللاۋاتاتتى.

 شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ماھىرە ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- پەسىلدە سېتىش سوممىمىز 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىل پۈتۈن يىللىق سېتىش سوممىمىزنى 100 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز!

 «90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان» ئىگىلىك تىكلىگۈچى ماھىرە ئابدۇسالامنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا بولغان سەزگۈر سودا نەزىرى ۋە كەسكىن ھەرىكەت كۈچى بار.

 ماھىرە ئابدۇسالام رۇسىيەگە بېرىپ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقاندا، نۇرغۇن جۇڭگولۇق كىشىنىڭ شۇ جاينىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىپ، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا سودا قىلىش ئېڭى پەيدا بولدى.

 2015- يىلى 19 ياشقا كىرگەن ماھىرە كەسكىنلىك بىلەن رۇسىيەدە تېز توشۇش شىركىتى قۇرۇپ، يىغىلغان مالنى مەخسۇس ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق جۇڭگوغا توشۇدى. 2018- يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ماھىرە ئابدۇسالام ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر تاراتقۇ شىركىتى ۋە تەلىم- تەربىيە ئاپپاراتىدا خىزمەت قىلدى. 2023- يىلى ماھىرە ئابدۇسالام گۇاڭجوۋغا ساياھەتكە بارغاندا، شۇ جايدىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش تەجرىبىسى، تىل ئەۋزەللىكى ۋە سودا تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى.

 ماھىرە ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: مەن تۆت شېرىكىم بىلەن ئىش باشلىدىم، ئىشخانىمىز 15 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى، بىز ھەرقايسى چوڭ سۇپىلاردا دۇكان ئېچىپ، مەھسۇلات تاللاش، سودا قىلىش، چىقىم قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تەرتىپلەر ئۈستىدە ئىزدەندۇق. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى شىمىگۇ فۇنكسىيە بۆلىكىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغانلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 2024- يىلى 7- ئايدا شىركىتىمىزنى شىمىگۇ فۇنكسىيە بۆلىكىدە ئەنگە ئالدۇردۇق، شىركىتىمىزدە ھازىر 50 خادىمدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ بار، ئىش بېجىرىش ئورنىمىزمۇ 3100 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، بىز بىرلىكتە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى زورايتتۇق، كۈچەيتتۇق.

 ماھىرە ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز قۇرۇلغان شۇ ئايدا سېتىش سوممىمىز 590 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سېتىش سوممىمىزنى يېرىم يىلدىلا 10 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدۇق. سېتىش نەتىجىسى بىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇسابىقە يولىنى تاللىشىمىزنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى».

 بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار TikTok (دوۋيىننىڭ مەملىكەت سىرتى نۇسخىسى)، AliExpress (سۇمەيتۇڭ)، Temu (پىندودونىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى)، Ozon (رۇسىيە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى)، SHEIN (كۇەيشىشياڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى) Kaspi (قازاقىستان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى) قاتارلىق چېگرا ھالقىغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تور دۇكىنى تەسىس قىلىپ، يالغان چاچ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت زاپچاسلىرى، كىيىم ـ كېچەك، چاي ۋە كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلارنى ساتتى، بۇ مەھسۇلاتلار ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا ئۈزلۈكسىز سېتىلىۋاتىدۇ، كەسىپلىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى، سېتىش، تەربىيەلەشتىن ئۆتەڭ ئىسكىلاتى، مەملىكەت سىرتى ئامبىرى مۇلازىمىتىگىچە، ئاندىن ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

 كەسىپنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر بولدى. بۇ شىركەت سۇپىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئوتتۇرا شەرق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى Noon ۋە ئۆزبېكىستان يېڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Uzumنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، بازارنى قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى؛ ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىدا، شېنجېندا ئۆتەڭ ئىسكىلاتى، ئالمۇتادا مەملىكەت سىرتى ئامبىرى تەسىس قىلدى ھەمدە 6- ئايدا دۇبەيدە مەملىكەت سىرتى ئامبىرى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى؛ مەھسۇلات جەھەتتە، شىنجاڭ تىيانشان توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى، قاراماي شەھىرىدىكى بىر تاراتقۇ گۇرۇھى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پاختا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى توردا مەملىكەت سىرتىغا سېتىشنى پىلانلىدى.

 ماھىرە ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: ھازىر شىركىتىمىز گۇرۇھلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى ھەم قەشقەر، ئىلىدا ئىككى تارماق شىركەت قۇردى. شىركىتىمىز بۇ يىل 4- ئايدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، بۇ بازىنى مەملىكەت سىرتىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى. (مۇخبىر لى نىڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125