تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش شەھەرنى تېخىمۇ ھارارەتكە ئىگە قىلدى
15:44:03 2025-04-15 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئايدىكى كوچىلاردا مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋۇ چىن بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ يېڭىدىن رېمونت قىلىنغان يولدا يېنىك قەدەملەر بىلەن مېڭىۋاتاتتى؛ پىيادىلەر يولىدىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ لىلى پاكىز سۈرتۈلگەن رېشاتكىلار ۋە چىراغ ئستولبىلىرىنىڭ باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ كەچتە ئۆيىگە قايتىۋاتقانلار ئىلگىرى بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈپ تۇرىدىغان يول چىراغلىرىنىڭ بۈگۈن ۋاللىدە يورۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى يورۇتۇپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى.

 ئادەتتە ئانچە كۆزگە چېقىلىپ كەتمەيدىغان بۇ تۇرمۇش مەنزىرىلىرى ئەڭ ئاددىي شەكىلدە شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان بىر مەيدان ھەر تەرەپلىمە «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتى خۇددى باھار شامىلىدەك چوڭ- كىچىك كوچىلارنى «سىيپاپ ئۆتتى». بىز كاتاڭ بولۇپ كەتكەن يول يۈزىنىڭ ئاسفالت ياتقۇزۇلۇپ تەكشىلەنگەنلىكىنى، كونا قۇدۇق قاپقاقلىرىنىڭ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى، يېڭىدىن ئورنىتىلغان يول چىراغلىرىنىڭ ۋاللىدە يورۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭدىن شەھەرنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆردۇق.

 ئامما دائىم كىچىككىنە ئىشلاردىن شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. يانەن گاۋدى ئولتۇراق رايونى، لاڭتيەن فېڭجىڭ 2- قارارلىق ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچى- سىرتىدىكى كاتاڭلىشىپ كەتكەن يول يۈزىنىڭ پۈتۈنلەي رېمونت قىلىپ تۈزلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلدى؛ چىداۋان جەنۇبىي يولى، خېماچۈەن تەۋەلىك رايونى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر يول چىرىغى ۋە رېشاتكىلارنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، شەھەر خۇددى بىر كېچىدىلا پاكىز، يېڭى كىيىم كىيىۋالغاندەك ھېس قىلدى.

 ئۈرۈمچى بۇزۇلغان يوللارنى پۈتۈنلەي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشنى، 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن شەھەردىكى غول يول ۋە 2- دەرىجىلىك غول يوللاردىكى چىراغلارنى يورۇتۇش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. 4- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە جەمئىي 22 مىڭ 50 جايدىكى يول رېمونت قىلىندى، رېمونت قىلىنغان كۆلەم 462645.02 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۇ ۋەدىلەر، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كەينىدە شەھەر ئاھالىسىنىڭ خاتىرجەم، بىخەتەر يول يۈرۈشىگە بولغان كۈچلۈك كاپالەت بار.

 كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغىنى «كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش سىگنال چىرىغىنى 24 سائەت ئىچىدە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، «بۇزۇلغان قاتناش بەلگىسى، رېشاتكىلارنى 48 سائەت ئىچىدە رېمونت قىلىش»تەك ۋەدىلەر رېمونت قىلىش ۋاقتىغا قويۇلغان تەلەپنى شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش سەمىمىيىتىگە ئايلاندۇردى. سايباغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورناتقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك چارلاپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئىلگىرىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك زەربىدارلىق بىلەن تۈزەشنى دائىملىق كۈندىلىك تۈزەش غەمخورلۇقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنى بۇزۇلغان قۇدۇق قاپقىقى، بۇزۇلغان يول چىرىغى سەۋەبىدىن يول يۈرگەندە مۈدۈرۈپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلمايدىغان، ئەنسىرىمەيدىغان قىلدى.

 «يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى» چىقىش قىلىنغان بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە زامانىۋى شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدۇ. ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئەمگەك قىلىۋاتقان شەھەر مەمۇرىيىتى ئىشچىلىرى يول يۈزىدىكى يېرىقلارنى رېمونت قىلىپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. مەخسۇس ھەرىكەتتە «ئاۋۋال مەركەز، ئاندىن ئەتراپ، ئاۋۋال غول يول، ئاندىن تارماق يول، تار كوچىلار»نى رېمونت قىلىش تەرتىپى «ئامما ئالدىراۋاتقانغا ئالدىراش»تىن ئىبارەت تۈزەش پىكىر يولىغا ئۆزگەرتىلدى؛ 12345 قىزىق لىنىيەسى، نەزەر 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراشقا دائىر خەلق رايىنى توپلاشتىكى «سېنزور»غا ئايلاندى. بىز بۇنىڭدىن شەھەرنىڭ كەمتەرلىك بىلەن خەلق رايىغا قۇلاق سېلىش پوزىتسىيەسىنى، چىن قەلب بىلەن بەختلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش سەمىمىيىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن، شەھەردە ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىشلەر يۈزبەرمەكتە. تۈزلەنگەن تەكشى يولدا كىشىلەر يېنىك قەدەملەر بىلەن ماڭماقتا؛ يوپيورۇق يول چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا شەھەر تۇرمۇشى بارغانسېرى ئاۋاتلاشماقتا؛ قېلىپلاشتۇرۇلغان، رەتلىك قورشاۋ توسۇقلار شەھەر يېڭىلاشنىڭ جانلىق ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئايلانماقتا. بىز بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ھەقىقىي شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاۋات مەنزىرىدە ئەمەسلىكىنى، بەلكى قۇدۇق قاپقىقى بىلەن يول يۈزىنىڭ دەل جايىدا جىپسىلاشقانلىقىدا، يول گىرۋەك تېشىنىڭ پىيادىلەر يولىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن دەل ماس كەلگەنلىكىدە، ھەربىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن خاتىرجەم يول يۈرۈۋاتقانلىقىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

 شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش باسقۇچ خاراكتېرلىك مەخسۇس ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەتكە ئۆزگەرگەندە، بۇ شەھەرنىڭ ھارارەتكە تولغان ھېكايىسى شەھەر ئاھالىسى كۈندە بېسىپ ئۆتۈۋاتقان كوچىلاردا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ، خاتىرجەملىك ئەكس ئېتىۋاتقان كۈنلىرىگە سىڭىشىپ كېتىدۇ. (گەي يۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125