شىنجاڭ 2025- يىللىق تۇنجى مەيدان ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە تەشۋىق قىلىش- مەسلىھەت بېرىش يىغىنى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
13:37:50 2025-04-15 تىيانشان تورى

 شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ 2025- يىللىق تۇنجى مەيدان ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە تەشۋىق قىلىش- مەسلىھەت بېرىش يىغىنى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى «1- ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 شۇ چاغدا، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى 110دىن ئارتۇق داڭلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، ھەربىي- ساقچى گۇڭئەن تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، جۇڭگو- چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەسلىھەت بېرىش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا- ئانىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، كەسىپ چۈشەندۈرۈشى، تەربىيەلەش ئەندىزىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار بويىچە سىياسەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

 ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە تەشۋىق قىلىش- مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئالىي مەكتەپلەر، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا- ئانىلار ئارىسىدىكى يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا. بۇ يىل، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە تەشۋىق قىلىش- مەسلىھەت بېرىش يىغىنىدىن كۆپ مەيدان ئۆتكۈزىدۇ، 4- ئايدىكى مەسلىھەت بېرىش يىغىنىدىن باشقا، 6- ئاينىڭ ئاخىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قار لەيلىسى تېغى مەكتەپ رايونىدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بويىچە تەشۋىق قىلىش- مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، شۇ چاغدا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا- ئانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. كونكرېت ۋاقتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى − «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»(新疆招生)تا بولسۇن.

 شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى مۇنداق ئەسكەرتتى: مەسلىھەت بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا- ئانىلار مەسلىھەت بېرىش يىغىنىغا ئالدىن تىزىملاتماي شۇ كۈنى بىۋاسىتە بارسا بولىدۇ، بارغاندا ئامال بار ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئورتاق ئاسرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125