ئىشچىلار 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى ساي تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا يول بويىدىكى رېشاتكىنى سىرلىماقتا. (مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى باغ- ئورمان تارمىقى بىلەن ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئومۇمىي تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يوللارنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلدى ھەم ئىككى تەرەپتىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا ئۆسۈملۈكلەرنى تولۇقلاپ تىكىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، «تازىلاش، ئاسراش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش» ئارقىلىق شەھەرنىڭ جەنۇب- شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قاتناش غول تومۇرىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
چياۋيىن شەھەر باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىدىكى مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى كۈندىلىك تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يول بويىدىكى تازىلىقتا ئۆلۈك بۇلۇڭ ۋە چالا قېلىش ئېھتىمالى بولغان بۇلۇڭلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىدى. مۇھىت تازىلىق ئىشچىسى ۋاڭ خۇڭشىڭ قولىغا سايمان ۋە ئەخلەت خالتىسىنى ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يان يول قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن كىچىككىنە يەرنىمۇ چالا قويمىدى، ھەتتا يول بويىغا تاشلانغان تاماكا قالدۇقى، قەغەز پارچىلىرىمۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالمىدى. ۋاڭ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە كۈننىڭ ياقى بوران چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئىشنى تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىشىمىز، ئەخلەتنى شامال ئۇچۇرۇپ ھەممە يەرگە چېچىۋېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك».
ئۈرۈمچى شەھىرى ھارارەتكە، مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان شەھەر باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ھەربىر ھالقا ۋە ھەربىر ئىنچىكە نۇقتىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر تاشقى قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىچكى «ماھىيەتلىك مەزمۇنى»نى بېيىتتى. شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پاكىز، رەتلىك يول مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان يوللارنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشنى ئاساسلىقى كېچىدە ئېلىپ باردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا لىنىيەسى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى فېڭ شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن شەھەردىكى يوللارنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ راۋان يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز».
شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغ- ئورمان تارماقلىرىدىكى ئىشچىلارمۇ ساي تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا ئالدىراش ئىشلىدى. ئۇلار كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى تازىلىق ئۆلۈك بۇلۇڭلىرىنى تازىلاپ، يول بويىدىكى سۇنۇپ كەتكەن كۆچەتلەرنى ۋە تاقىر بولۇپ قالغان يېشىللىق رايونلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈردى، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى دەرەخ، چاتقاللارنى ئاقارتتى ۋە قىرقىدى».
ساي تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.38 كىلومېتىر بولۇپ، كۈندىلىك ئاپتوموبىل ئېقىمى ناھايىتى كۆپ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇب- شىمال قاتنىشىنى تۇتاشتۇرىدىغان غول تومۇر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك يولى، ئۇ خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشاش ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) مۇھىت تازىلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نيۇ لىگۇڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ساي تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، بوشاشماي دائىملىق تۇتۇپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشقا سىڭدۈرىمىز. يولنىڭ <قىياپىتى>، <خاراكتېرى> ۋە <سۈپىتى>نى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېخىمۇ پاكىز يول مۇھىتى بەرپا قىلىمىز». (مۇخبىر جيا مېڭيەن، گو جۈنگې)