بايقىدىڭىزمىكىن
ئۈرۈمچى ئاستا- ئاستا ھال رەڭ بىلەن بېزەلدى
مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ
ئۈرۈمچى ئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى
چوڭ- كىچىك كوچا، باغچىلارنى پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلەر قاپلىدى
«يوشۇرۇنۇش نۇقتىسى» بەك كۆپ
دەرەخلەر ھال رەڭ چېچەكلەر بىلەن قاپلاندى
ھەر قېتىم شامال چىققاندا
دەرەخ شاخلىرىدا ھال رەڭ «دولقۇن» مەۋج ئۇرۇپ
دەرەختىن ھال رەڭ «يامغۇر» تۆكۈلەتتى
ھاۋامۇ ناھايىتى ياخشى
يېڭى كىيىمىڭىزنى كىيىپ، دەرھال ئاتلىنىڭ!
ئەڭ ھاياجانلىق
كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى
چېچەك دېڭىزى بىلەن پويىزنىڭ بىر رامكىدىكى ھالىتى بولۇپ
گويا پويىز باھار تامان يولغا چىققانىدى
بۇ بېكەت تۆمۈريولنىڭ بىر تەرىپىگە يېقىن
ھەر قېتىملىق پويىزنىڭ ئارىلىقى ئون مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ
بىر رامكىغا چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئاسانلا تارتىۋالغىلى بولىدۇ
ھاۋا ياخشى چاغلاردا
قۇياش نۇرى پويىز ۋە ئۆرۈك چېچىكىگە چۈشۈپ
گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ
تەڭدىشى يوق باھار
قىزىل رەڭ بىلەن ھال رەڭ گىرەلىشىپ، باھار مەنزىرىسىگە ئەڭ ماس كەلگەن
خېبېي شەرقىي يولىدىكى كوچىلاردا چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلماقتا
ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە قىزىل ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز
بۇ يەردە چېچەك سەيلىسى قىلساق
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا يېڭى مەنا قوشۇلىدۇ
بۇ يەر كارتون رەسىملەردىكى باھارغا ئوخشايدۇ
سۈزۈك كۈنلۈك، كىچىك ئەينەك، ئاتكرىتكا، رەسىم رامكىسى
قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ
قانداقلا تارتسا چىرايلىق چىقىدۇ
باھارنىڭ گۈزەللىكى
شەيئىلەرنىڭ جانلىنىشىدا
بىر قىش جىمجىتلىققا چۆمگەن ئاشۇ چېچەكلەر
پورەكلەپ ئېچىلىپ رەڭ تۈزەيدۇ
ئۇلارنى سۆيۈڭ، ئېھتىيات بىلەن ئاسراڭ، چېچەكلەردىن مەدەنىي ھۇزۇرلىنىڭ
كېيىنكى تېخىمۇ گۈزەل باھار ئۈچۈن