يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ ئاچقۇچلۇق تىرەك. يېڭىسار ناھىيەسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
4- ئاينىڭ 8- كۈنى، مۇخبىر يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن بازىرى تۆۋەن ئېرىق كەنتى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، تۆت زامانىۋى كالا قوتىنىدا ناھايىتى سەمرىگەن گۆش كالىلىرىنىڭ يەم يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ كالىلار باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ بېيىش يولى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ناھىيەدىكى گۆش كالىسى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەنئەنىۋى دالىدا بېقىشتىن زامانىۋى باقمىچىلىققا قاراپ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.