4- ئاينىڭ 10- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى نيۇزەي كەسىپى باغچە رايونىدا «پۇقراۋى كارخانىلار كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، پۇقراۋى كارخانىلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىپ، مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ئاممىغا تەپسىلىي، سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش نۇقتىلىرىدا، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، كارخانىلاردىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا كەلگەن خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىش ئورنى تەلىپى، مائاش تەمىناتى، خىزمەت مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى پائال ئىزدىدى.