پارنىكتا قوغۇن پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى
11:03:29 2025-04-16 يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن بازىرىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق بازىسىدىكى پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇن تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشنىڭ «ئالتۇن مەزگىلى» يېتىپ كەلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنى تەشكىللەپ پېلەكلەرنى رەتلەش، شاخلارنى چاتاش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى چۆرىدەپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىشنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، مۇخبىر يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن بازىرى تۆۋەن ئېرىق كەنتى پەنخاۋ كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ قوغۇن پېلىكلىرى ئارىسىدا ئىنچىكىلىك بىلەن پېلەكلەرنى رەتلەپ، ئارتۇق يان شاخلىرىنى دەل جايىدا چاتاپ، باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125