4- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ ئەييۈ ئوركېستىرىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى يېڭىسار ناھىيە ماڭشىن بازىرى چاقىرىقۇي كەنتىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدا ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە مول مەدەنىيەت شادلىقى بېغىشلىدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ ئەييۈ ئوركېستىرىنىڭ مۇزىكانتلىرى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى سىمفونىيە شەكلىدە قايتا ئورۇنلاپ، «مۇدەنخان»، «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» قاتارلىق سىمفونىيەلەرنى ئورۇنلاش داۋامىدا، مېلودىيەنى قاتلاممۇقاتلام ئىپادىلەپ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلدى.