ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، يەنجى ناھىيەسىدە ئۆرۈكلەر بەس- بەستە چېچەكلەپ، گۈزەل تۈسكە كىردى، يەنجى ناھىيەسىدىكى قىسمەن يېزا- كەنتلەردە ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
يەنجى ناھىيەسى ساغانچېكە يېزىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى
قاراشەھەر ناھىيە ساغانچېكە يېزىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى باشلاندى. ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا، ئېكولوگىيە ساياھىتى بىلەن خەلق ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىندى.
(مۇخبىر لى شياۋلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ، جاڭ لىڭ)
يەنجى ناھىيەسى شىكشىن بازىرى خوراتېغى كەنتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى باشلاندى
يەنجى ناھىيەسى شىكشىن بازىرىدا 4- ئاينىڭ 13- كۈنى «بەختكە چۆمگەن خوراتېغى» تېمىسىدىكى خوراتېغى كەنتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك «ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئورۇنلىغان «ئۇپۇقتىكى گۈزەل يۇرت»، «گۈزەل شىنجاڭ» قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلاندى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ئارتىسلار بىلەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى نامايان قىلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونى، كەشتىچىلىك، كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى، قاپاق رەسىمى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
«بۇ، تەبىئەتكە ئىنتايىن يېقىن پائالىيەت بوپتۇ، بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن بىللە بۇ يەرگە كېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق»، دېدى ساياھەتچى جاڭ لې.
«بىز ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، كىتاب كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار بار»، دېدى يەنجى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىڭ. (مۇخبىر لى شياۋلۇڭ، گوۋ شۆمېي)