كېرەكسىز تاشلاندۇقلار «بايلىق»قا ئايلاندۇرۇلۇپ، تەدرىجىي ھالدا «يېشىل» بولۇشتىن «يېڭى» بولۇشقا يۈزلەندى
12:38:21 2025-04-16 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

قومۇل شەھىرى ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

4- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا خادىمى ماشىنا ئادەم ئارقىلىق تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا. ياڭ خۇڭجيەن فوتوسى

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېنېرگىيەنى پەلەمپەيسىمان ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېشىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىر قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ماگنىي داشقىلى، كۆمۈر كۈلى، رۇدا داشقىلى قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىرمەھەل «سانائەت ئەخلىتى» دەپ قارالغان بۇ داشقاللار بىردىنلا سېمونت ئىشلەپچىقىرىشتىكى «قىممەتلىك خام ئەشيا»غا ئايلاندى.

 قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى» پەن تەتقىقات تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، داشقاللاردىن تەكرار پايدىلىنىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى. ماگنىي داشقىلى مېتال ماگنىي ماددىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق بولۇپ، كالتسىي ئوكسىدىنىڭ مىقدارى %50 ئەتراپىدا، سىلىتسىي (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ مىقدارى %28تىن %30كىچە بولىدۇ. ئىلگىرى ماگنىي ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى پۇل خەجلەپ بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇ تاشلاندۇقلار ھازىر سېمونت ماتېرىيالىدىكى «بازىرى ئىتتىك مال»غا ئايلاندى.

 قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۆ شوۋيۈن مۇنداق دېدى: سېمونت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق خام ماتېرىيالىمىز ھاك تېشىدىن باشقا، يەنە قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى تۈرلۈك داشقاللارمۇ بار، نۆۋەتتە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى داشقاللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى %40 ئەتراپىغا يەتتى، بىز قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانىلارغا داشقاللارنى بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىدىن 16 مىليون يۈەننى تېجەپ بەردۇق.

 قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماگنىي داشقىلى قاتارلىق قاتتىق تاشلاندۇقلارنى سېمونت ئىشلەپچىقىرىشقا قوشۇپ، قوشۇش نىسبىتىنى %20- %21كىچە يەتكۈزگەندىمۇ، سېمونت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمىدى. بۇ تېخنىكا نەتىجىسى قىسمەن ھاك تېشى ۋە كىۋارتىس تاش قاتارلىق خام ماتېرىياللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى كۆپلىگەن كارخانىلار كېرەكسىز داشقاللاردىن ئايلانما پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «داشقال− قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى− ھاسىلىي پايدىلىنىش»تەك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى.

 قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنىڭ ئارقىسىدا، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ «سىياسەت+ يېڭىلىق يارىتىش+ مۇلازىمەت»تىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم كۈچ بار بولۇپ، ئېكولوگىيەدىكى «قىيىن نۇقتا»نى تەرەققىياتتىكى «يارقىن نۇقتا»غا ئايلاندۇردى.

 شۆ شوۋيۈن مۇنداق دېدى: پەن تەتقىقات تۈرىمىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، بۇ، «كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇپ»، يەنە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بېسىمىنى يېنىكلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاراتۆرۈك سانائەت رايونىدا شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ئەنئەنىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

 بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت 1 مىليارد 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى سۇب كىرىتىك ئۇلترا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يېقىلغۇ گازدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىنى قۇرۇپ، ئىس- تۈتەكنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، نىتراتسىزلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ماس قەدەمدە سەپلەپ، ئازوت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش قويۇقلۇقىنى ھەر كۇب مېتىردا 35 مىللىگىرامدىن، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ھەر كۇب مېتىردا 50 مىللىگىرامدىن تۆۋەنلەتتى، بۇ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ تۈردە كۆمۈر گازىنى تۇرۇبا تورى ئارقىلىق باغچە رايونى دەرىجىلىك ھەمكارلىشىپ تۈزەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۆت كوكسلاش كارخانىسىنىڭ قوشۇمچە كۆمۈر گازىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇپ، يىللىق بىرتەرەپ قىلىش مىقدارىنى 4 مىليارد 800 مىليون ئۆلچەملىك كۇب مېتىرغا يەتكۈزدى.

 شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور خۇ جىگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز «ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر»نى قىزدۇرۇپ پارچىلاپ قوشۇمچە كوكس مېيى ئىشلەپچىقىرىشتىن ھاسىل بولغان كۆمۈر گازى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە كۆمۈر- خىمىيە سانائىتى باغچە رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ئاساس قىلغان «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، كوكس پېچى كۆمۈر گازى بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش بويىچە يېڭى ھۈنەر- سەنئەت، يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى كوكس پېچى كۆمۈر گازى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ سۇيۇقلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز ۋە سۇيۇق ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى بەرپا قىلىپ، 100 مېگاۋاتلىق شامال گېنېراتورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ باغلىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ئۇزۇندىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان كوكس پېچى كۆمۈر گازى قويۇپ بېرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

 «بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جەمئىي 8 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك تارقاتتى، بۇ، 5 مىليون 330 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر» دېدى خۇ جىگاڭ.

 كوكس پېچى كۆمۈر گازى كۆمۈرنى قىزدۇرۇپ پارچىلاش جەريانىدا قوشۇمچە ھاسىل بولىدىغان تۆۋەن ئىسسىقلىق قىممىتىدىكى كۆمۈر گازى بولۇپ، ئۈنۈملۈك تەركىبى تۆۋەن، كوكس مېيى، كۆمۈر گازىنىڭ كوندېنساتسىيەلەنگەن سۇيۇقلۇقى، بېنزول قاتارلىق زىيانلىق فاكتورلارنىڭ تېمپېراتۇرا، بېسىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ داۋالغۇشى چوڭ بولۇپ، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قۇرۇلمىلارنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى يۇقىرى ئېقىندىكى تۆت كوكسلاش كارخانىسى، تۆۋەن ئېقىندىكى ئۈچ ئىستېمال كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆمۈر گازى تۇرۇبا تورىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، باغچە رايونىنىڭ كۆمۈر گازىنى ماسلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر ساھە رايونلىرىنىڭ كۆمۈر گازى بېسىمى، تېمپېراتۇرىسى، ئېقىم مىقدارىنى لىنىيەدە ئاپتوماتىك نازارەت قىلىپ تەڭشەپ، كۆمۈر گازىنىڭ ھەرقايسى قۇرۇلمىلار ئارىسىدا تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغچە رايونى دەرىجىلىك ھەمكارلىشىپ بۇلغىما ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە يەتتى.

 خۇ جىگاڭ مۇنداق دېدى: قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىلغان كوكس پېچى كۆمۈر گازى خام ئەشيا سۈپىتىدە شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، ئاراتۆرۈك ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كارخانىلارغا يەتكۈزۈلۈپ، توك چىقىرىش، ھىدروگېن ئىشلەش، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە سۇيۇق ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ شىنجاڭ شىنيى كاربون ئېنېرگىيەسى مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، پار يەنە بۇ شىركەتنىڭ خىمىيە سانائىتى قۇرۇلمىسىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ؛ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش- قاچىلاش سېخىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھىدروگېن گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، بېنزىن ۋە دىزېل مېيى يەنە جياڭنا كانچىلىقىنىڭ كان يۈك ئاپتوموبىللىرى، خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىدىكى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى يېقىلغۇسى ھېسابلىنىدۇ. بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئايلاندۇرۇش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىدىن «تولۇق پايدىلىنىپ»، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى %85.47كە يەتكۈزۈپ، ھەر يىلى 1 مىليون 800 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىپ، 800 مىڭ توننا سۇ تېجەپ قالىدۇ.

 كېرەكسىز كۆمۈر گازىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش يولى ئاراتۆرۈك كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يىرىك تەرەققىياتتىن يېشىل، يېڭىلىق يارىتىشقا قاراپ ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» نىشانىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كېرەكسىز كۆمۈر گازى «سانائەتتىكى كېرەكسىز گاز»دىن «قىممەتلىك گاز»غا ئايلىنىشتەك قالتىس ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتىكى ھالقىلىق بۆسۈش ئېغىزىغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمىدە بىرلىكتە ئۇتۇق قازاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شەھىرىمىزدە «كۆمۈر ئېلېكتىر − قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى − خىمىيە سانائىتى»، «شامال − يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش − يېشىل ھىدروگېن − ئېنېرگىيە ساقلاش» قاتارلىق بەش ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قومۇل شەھىرى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى مېتاللۇرگىيەسى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. (مۇخبىر لو جيې، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ ياخۇي، ۋاڭ جيەنتەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125