قومۇلدا ئالماس كەسپى باغچە رايونى قۇرۇلىدۇ
12:37:11 2025-04-16 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈچ يىل ئىچىدە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش پىلانلاندى

 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، قومۇل يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي قىسىم ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ رۈنجىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت رايونىدا، يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان 80 دانە يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ئارقا- ئارقىدىن ئورنىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئورنىتىش خىزمىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، 7- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرتى ھازىرلانسا، شۇ چاغدا شىركەتنىڭ ئالماس ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىليون كاراتقا يېتىشى مۇمكىن.

 قومۇل شەھىرى نۇقتىلىق كىرگۈزگەن يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش ئىنچىكە تەڭشەش ئارقىلىق مۇقىم يۈرۈشتى. شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۈسكۈنە پارامېتىرىنى ئەلالاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنى كەسىپ ئۆلچىمىدىنمۇ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدى، مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

 شىنجاڭ رۈنجىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى پېڭشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، 200دىن ئارتۇق ھۈنەر- سەنئەت پارامېتىرىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان ئالماس ئۇۋۇندىسىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇش، دانچىلىرى تەكشى بولۇشتەك يادرولۇق خۇسۇسىيەتلىرى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە، مەھسۇلاتلىرىمىز يورۇقلۇق ۋولت، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەدە قوللىنىش بويىچە تەمىنلەش زەنجىرىگە كىردى. بۇنىڭدىن كېيىن شىركىتىمىز تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئالماسنىڭ ئىقتىدارلاشقان قوللىنىش مۇسابىقە يولىدا باشلامچى بولۇش ئەۋزەللىكىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

 «تۈرنى يولغا قويۇش جەريانىدا، شىركىتىمىز ئۈسكۈنە پارامېتىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە ئىشچى  بىلەن ئۈسكۈنە ئارىسىدىكى ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «نەزەرىيە + ئەمەلىي مەشغۇلات»تىن ئىبارەت قوش رېلىسلىق تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىر تۈركۈم تېخنىكىغا پىششىق، تەجرىبىسى مول كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، 20 كىشى دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىپ، شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى داۋاملاشما تۈرلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۇختا ئىختىساسلىقلار ئاساسى سالدى»، دېدى لى پېڭشياڭ.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭ رۈنجىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە تەجرىبەخانا قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا نانومېتىر دەرىجىلىك ئالماس ياساش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە كۋانت ھېسابلاش ئاساسىي ماتېرىيالىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلىدى. بۇ خىل «بىر ئەۋلادنى ئىشلەپچىقىرىش، بىر ئەۋلادنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش»تىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش رىتىمى شىركەتنىڭ ئىقتىدارلاشقان قوللىنىش مۇسابىقە يولىدا باشلامچىلىق ئەۋزەللىكىنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى، شىنجاڭ رۈنجىڭ پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قومۇل يېڭى ماتېرىيال كەسپىدىكى «زەنجىر باشلامچى» كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ كۆلىمى 500 مو كېلىدىغان ئالماس كەسپى باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى، نۆۋەتتە، يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى 12 كارخانىنى جەلپ قىلىپ، ماكانلىشىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى، بۇ، ئۈسكۈنە ياساش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە خام ماتېرىيالدىن ئاخىرقى ئۇچتىكى مەھسۇلاتلارغىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، قومۇل يېڭى ماتېرىيال كەسپى كۆلىمىنىڭ 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش پىلانلاندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، بۇ تۈر ئەتراپتىكى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك كەسىپلەرنىڭ كىرىمىنى 100 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتقان.  (مۇخبىرلار  تيەن يۈ، گو زىيى، ياڭ خۇڭجيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شياۋمىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125