ما شىڭرۇي ئۆزبېكىستان فەرغانە ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى بازاروف بىلەن كۆرۈشتى
22:34:37 2025-04-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئۆزبېكىستان فەرغانە ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى بازاروف بىلەن كۆرۈشتى

 خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان فەرغانە ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى بازاروف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بازاروف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇپ ۋە زىيارەتتە بولۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، بېرىش- كېلىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، سودا سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، نۇقتىلىق ھەمكارلىق ئىش تۈرلىرى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دۆلىتىڭلارنىڭ دۆلەت باشلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو- ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بولۇپمۇ جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ھازىر، شىنجاڭ دىققەتنى ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتمەكتە، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى قوللاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەت قاتارلىق ئەۋزەل ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەمەلىي پىلانلاپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 بازاروف مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئۆزبېكىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ئوبلاستى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم دەرۋازا. فەرغانە ئوبلاستى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىق، باغۋەنچىلىك كەسپىگە ئالاقىدار ساھەلەردىكى تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، كەسىپلەر باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى كېڭەيتىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، تېببىي دورا، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى لىنىيەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، ساياھەت ھەمكارلىقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. فەرغانە ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.

 ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە فەرغانە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125