شىنجاڭدا بازارلاشقان سودا شەكلى ئارقىلىق پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %73.5كە يەتتى
13:18:49 2025-04-16 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدا رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچى 13 مىڭغا يەتكەن، بازارلاشقان سودا شەكلى ئارقىلىق پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 900 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات \ سائەتكە يېتىپ، 900 مىليارد كىلوۋات \ سائەتلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن.

 شىنجاڭنىڭ بازارلاشقان سودا شەكلى ئارقىلىق پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى 2016- يىلىدىكى 19 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات \ سائەتتىن 2024- يىلىدىكى 150 مىليارد كىلوۋات \ سائەتكە يېتىپ، بازارلاشقان سودا شەكلى ئارقىلىق پۈتۈشۈلگەن توك مىقدارى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت رايونىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى توك ئىشلىتىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.7تىن %73.5كە ئۆرلىگەن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان.

 2015- يىلى، دۆلىتىمىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ 2016- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، توك تارقىتىش، توك ئىشلىتىش پىلانىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت- ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125