بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 1- پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. 1- پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 1778ى ئەمەلىيلەشتى، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 161 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.59 ئاشتى.
بۇ يىل 1- پەسىلدە شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تۈرى 1435، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 142 مىليارد 474 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.24 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە «نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى»، «كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كەسىپ توپى»، «يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى كەسىپ توپى» قاتارلىقلاردا ئېشىش كۆرۈنەرلىك بولدى.
شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 90 مىليارد 941 مىليون يۈەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 70 مىليارد 686 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.9 ئاشتى. 2- كەسىپتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان تۈر 1153، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 122 مىليارد 829 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.29 ئاشتى.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىمۇ پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان تۈر 90، نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 4 مىليارد 916 مىليون يۈەن بولدى.
سېلىنما مەنبەسىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ سېلىنمىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 109 مىليارد 688 مىليون يۈەنگە يېتىپ، نەقلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %67.86ىنى ئىگىلىگەن، مەبلەغ سېلىش ساھەسى ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، نېفىت خىمىيە سانائىتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆمۈر قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
خەلق ئىچى سېلىنمىسى سىجىل جانلىنىپ، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %68.64ىنى ئىگىلىگەن، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، سودا ئەشيا ئوبوروتى، كۆمۈر، ئۆي- زېمىن قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنغان.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ كۈچ قوشۇشى شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى. 1- پەسىلدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى 104 مىليارد 641 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %64.74ىنى ئىگىلەپ، %20 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شەندۇڭ، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ جاي نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. (مۇخبىر گو لىڭ)