​پۈتۈن زەنجىرلىك خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كىلاپانى چىڭىتىلدى
13:25:32 2025-04-16 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە ئىدارىسى، گۇڭئەن ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى، سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇردى.

 «چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش ۋە سېتىۋېلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇ «چارە» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر (يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى <ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>)گە تەتبىقلىنىدۇ.

 «چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپلەردە مەركەزلىك غىزالىنىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاساسىي گەۋدە بولۇپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار مەكتەپ ئاشخانىسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىپ، ھەركىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىگىلىشى، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر «مەكتەپ تامىقى»نى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باش نازارەتچىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خادىمى سەپلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تىزىملىكىنى رەتلەپ ۋە ئورنىتىپ، نەق مەيداندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ھەر ۋاقلىق تاماقتا مەكتەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىردەك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىشى كېرەك.

 «چارە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەر يېمەكلىك ۋە خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشتا بىخەتەر، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە «ئىككى ئادەم ياكى كۆپ ئادەم بىرلىشىپ تەكشۈرۈش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ئاقىل نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تارماقلار ماسلىشىش، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھەر مەۋسۇمدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارغا قارىتا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 «چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: رايونلۇق (ناھىيەلىك) مائارىپ تارمىقى تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ گۈرۈچ، ياغ، ئۇن، گۆش، تۇخۇم، سۈت، يېڭى كۆكتات، مېۋە- چېۋە قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىغا بىرتۇتاش خېرىدار چاقىرىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. مەكتەپلەر ئاشخانا مالىيەسىنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

 «چارە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ تامىقىنى نازارەت قىلىش ئاتا- ئانىلار كومىتېتى قۇرۇپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق چوڭ- چوڭ ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇن ۋە ئاممىۋى نومۇر، ۋېيشىن توپى قاتارلىق سۇپىلاردا ئاشخانىنىڭ مالىيە كىرىم- چىقىمى، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈش مەنبەسى، تاماق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى، تاماق پۇلى ئۆلچىمى، مىقدارلاشتۇرۇلغان تاماق تىزىملىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا»، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى جەمئىيەت نازارەتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، تاماقنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈزبېرىپ ئېغىر جەمئىيەت تەسىرى پەيدا قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئالاقىدار ئورۇن مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. (مۇخبىر جاڭ مېڭتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125