يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە مىدۇڭ رايونى ئايرىم- ئايرىم مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى كۆپ خىللاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 202 كارخانىنى 5498 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللىدى، بۇ، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. مىدۇڭ رايونىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىزمەت ئىزدەش ماشىنىسى كىرگۈزۈلۈپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەسىراتى ئەلالاشتۇرۇلدى ھەم ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)
5498 ئىش ئورنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە بىر مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 202 كارخانا 5498 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە تەمىنلەنگەن ئىش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن قىزىق نۇقتىلىق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش جەريانىدا «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ تەي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان كارخانا كۆپ، ئىش ئورنى تولۇق ئىكەن، مەن قىسقىچە تەرجىمىھالىمدىن بەشنى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان كارخانىلارغا بەردىم. نەق مەيداندىكى نۇرغۇن ئورۇن تەلىپىمگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق خىزمەتكە ئېرىشىپ، ئۈرۈمچىدە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر قىممەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىغا كىرگۈزدى، كېيىنكى قەدەمدە يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت بايلىقى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى سىجىل قېزىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مەكتەپتە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاساسىي يولى بولۇش رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەمىنلەش- ئېھتىياج سۇپىسى قۇرۇپ، رايون ئىچىدە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)
مىدۇڭ رايونى
خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى يېڭىلىقنى سىناپ باقتى
يېقىندا، ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى پۇقراۋى كارخانىلار مۇلازىمەت ئېيى مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئۈچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپپارات نۇرغۇن «يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش» ئويىدا بولۇۋاتقان خىزمەت ئىزدىگۈچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان جاڭ زېپېڭ مىدۇڭ رايونى خۇشېڭ مەھەللىسىنىڭ ئارىلىقتا ئۇلاپ توشۇيدىغان ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ نەق مەيدانغا كېلىپ، رەقەملەشكەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى قولايلىقنى ھېس قىلدى.
«مەن يېمەكلىك ئىلمى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تاپماقچى». جاڭ زېپېڭنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغىلا، «AI + خىزمەت ئىزدەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاپپارات»نىڭ ئېكرانىدا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئىش ئورنى ئۇچۇرى تېز سۈرئەتتە نامايان بولدى. جاڭ زېپېڭ بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تېزلىكتە بىرنەچچە كارخانىنىڭ بۇ ئىش ئورنىغا قويغان كەسپىي تەلىپى ۋە مائاش تەپسىلاتىنى ئىگىلىدى، ئارقىدىنلا چىراي تونۇتۇپ توردا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللىدى. جاڭ زېپېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئاپپارات مېنىڭ ئېھتىياجىمغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئىش ئورۇنلىرىنى رەتلەپ چىقىرىپ بەردى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا ھەممە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورنىغا بىرمۇبىر بېرىپ سۈرۈشتۈرمىسەممۇ بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئىزدەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپتۇ».
بۇ قېتىم ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق كارخانا «تور + تور سىرتى» شەكلى ئارقىلىق، 3000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش رايونى، سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراش رايونى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ خىزمەت ئورنى تونۇشتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېس قىلىش رايونى ۋە ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش رايونى كۆپەيتىلدى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن رايونلار ئىچىدە مىدۇڭ رايونى كۆڭۈل قويۇپ تەسىس قىلغان، كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مىدۇڭ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن لى مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلار قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن. كېيىنكى قەدەمدە مىدۇڭ رايونى «سىياسەتنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ ياردەم بېرىش- يۆلەش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، باشقا ئۆلكىلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش قاتارلىق بىر قاتار تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلار «سۇ كۆلچىكى»نى ياخشى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر، سەمىمىي مۇلازىمەت ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. (مۇخبىر جيا مېڭيەن)