خې يۇڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى.
ئۇ 4- ئاينىڭ 14- كۈنى توردا زاكاز قوبۇل قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئۆي جاھازلىرىنى خۇالىڭ بازىرىدىن خېرىدارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. شۇ كۈنى چۈشتە، ئۇ يەنە باشقا بىر سۇپىدا زاكاز قوبۇل قىلىپ، خېرىدارنىڭ مېلىنى ئۈرۈمچىدىن ۋۇجياچۈگە ئاپىرىپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا تىجارەتچى جاۋ گاڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق چۈشكەن زاكازلارنى تەكشۈرۈپ، مال تالونىنى شوپۇرغا بەردى، مال ناھايىتى تېزلا ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ سانجىغا يولغا سېلىندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچىدە رەقەملەشتۈرۈشنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىگە كۈچ قوشقانلىقىنى نامايان قىلىدىغان مەيدان- كۆرۈنۈشلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەتتى.
ئەشيا ئوبوروتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك، باشلامچى خاراكتېرلىك كەسىپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوبوروت سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى.
بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن»دا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتى»دىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن قاتناش- تىرانسپورت بازىرى قۇرۇش تېزلىتىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ».
يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئەشيا ئوبوروتىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دىققەتنى سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك مۇلازىمەت تىجارەتچىلىرىنى چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.
ئۈرۈمچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى بولغان خەيخۇڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا 2000غا يېقىن تىجارەتچى بار بولۇپ، ھەر كۈنى نەچچە مىڭ توننا مال ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىلى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدۇ.
تىجارەتچى جاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز مال سالغاندا، خېرىدارلار تېلېفوندا چۈشۈرگەن زاكازغا ئاساسەن مال تالونىنى قولىمىزدا يېزىپ، مال تالونىنى مال سەپلەش ئۈچۈن ئامبارغا تاپشۇرۇپ بېرەتتۇق، ئۈچىنچى تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى مالنى خېرىدارغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرەتتى، ھازىر نۇرغۇن ھالقىنى توردىلا تاماملىغىلى بولىدۇ. مەن ئاساسلىقى توڭلىتىلغان يېمەكلىك تىجارىتى قىلىمەن، رەقەملەشكەن سۇپا ئارقىلىق سودا ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن».
نۆۋەتتە، شىنجاڭ خەيخۇڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىغا 61 توشۇش لىنىيەسى، 350 يۈك ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.
شىنجاڭ خەيخۇڭ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ھازىر ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاقىل باغچە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ قوللايدىغان ئامبار تەقسىملەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. كارخانىمىز تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى باغچە رايونىدا كەسىپلەرنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، يەنە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئامبار تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاقىل تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا رەقەملەشكەن كارخانىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەربىر ھالقىسىنى ئاقىل سۇپىدا ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئوخشاشلا رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىدىن يەنە شىنجاڭ شىتۇڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىمۇ بار.
بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ جيەنبىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كارخانىمىزنىڭ كەسپى ئاساسلىقى شەھەر ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بولۇپ، بىر يۈرۈش يۇمشاق ماتېرىيالنى ئېچىۋاتىدۇ، بىز يەنە ئۆز ئالدىغا مال توشۇيدىغان شوپۇرلارنى سۇپىغا يىغىپ، باشقا سودا تۈرىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارغا شوپۇر ۋە ئاپتوموبىل ماسلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركىتىمىز يەنە رەقەملىك ئەشيا ئوبوروتى كەسپى مۇلازىمەت بازىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ ئارقىلىق رەقەملەشكەن ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى بازىغا توپلاپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
شىنجاڭ ئەننېڭ رەقەملىك ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى ئېھتىياج بويىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى نۇرغۇن جايدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردا قوللىنىلدى.
بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ ۋېي مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇشنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارغا تايىنىپ، كارخانىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى باشقۇرۇش، شوپۇرلارنى باشقۇرۇش، چىقىم راسچوتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
ئۈرۈمچى شۇخۇي ۋېيلەي ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زېڭ جياچى مۇنداق دېدى: «ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا لايىھە تۈزىمىز. شىركىتىمىزنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى 100دىن ئارتۇق كارخانا، 10 مىڭدىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بىلەن ئالاقىسى بار، سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىركىتىمىز دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، شوپۇرلارنى كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە ئاپتوموبىللارنىڭ قۇرۇق يۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ».
سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا، شىنجاڭ سىلۇ خۇليەن رەقەملىك كەسىپلەر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سىلۇ خۇليەن رەقەملىك كەسىپلەر شىركىتى دېيىلىدۇ) يەنە ئەشيا ئوبوروتىنى رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنى بايلىققا ئايلاندۇرالايدۇ.
سىلۇ خۇليەن رەقەملىك كەسىپلەر شىركىتى 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان، بۇ شىركەت شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جيەنفا دۆلەت كاپىتالى سېلىنما- تىجارەت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ۋە شاڭخەي سانلىق مەلۇمات سودا ئورنى چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان شاڭخەي سانلىق مەلۇمات سودا ئورنى يىپەك يولى ھەمكارلىق مەركىزى.
سىلۇ خۇليەن رەقەملىك كەسىپلەر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خەن جېنلى مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز شاڭخەي سانلىق مەلۇمات سودا ئورنىنىڭ سۇپا ئىقتىدارىغا تايىنىپ، سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت سودىگىرى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش، رەقەملىك مۈلۈك ئۇچۇرىنى جەدۋەلگە كىرگۈزۈش، سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى سودىسى، سانلىق مەلۇماتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى ئۈنۈملۈك پىلانلاش ئارقىلىق سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كەسىپنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تەرەققىي قىلدۇرغان «2+3» زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ نۇقتىلىق كەسىپ دەل رەقەملىك ئىقتىساد ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت.
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى جياڭيىڭ مۇنداق دېدى: سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سۇپىسىنى داۋاملىق قۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى بار كارخانىلار بىلەن رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىمىز ھەمدە ئىختىساسلىقلار، پەن تەتقىقات، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىمىز. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)