خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (يى شۇرەن، يىڭ نىڭيى) 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2025- يىلى 2- پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى خەلق ئىشلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تونۇشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ئىككى تارماق تۇنجى قېتىم بىرلىكتە چىقارغان خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا دائىر ھۆججەت ئىكەن.
«پىكىر»دە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە، «پىكىر»دە ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىشكارى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيەلەشكە قاتناشقان خادىملارنى كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاش ياردەم پۇلى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان باھالاپ تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە، «پىكىر»دە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خەلق ئىشلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىنى ئالدىن تاللاپ ئاپپارات باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش، كەسىپداشلار ئارا ئالماشتۇرۇش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىپ، خەلق ئىشلىرى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ياكى باشقۇرۇش ئىش ئورنىغا يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)