4- ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى كۆممىقوناق تېرىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان. ھازىر، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى جايلار «بالدۇر» بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كەلدى.
كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوخشىمىغان يەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دېھقانلارغا ھەر تەرەپلىمە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلدى. ئىشنى تۇپراقنىڭ نەملىكىنى كۆزىتىشتىن باشلاپ، تۇپراقنىڭ نەملىكى، ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ ئۇرۇق سېلىش چوڭقۇرلۇقىنى دەل جايىدا كونترول قىلىپ، تۇپراق سۈپىتى ۋە كۆممىقوناق سورتىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى چوڭقۇرلۇقنى بېكىتتى؛ كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئېڭىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرنى تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، بېيدوۋ يول باشلاش بويىچە تۈجۈپىلەپ تېرىش، قويۇق تېرىش، قۇرۇق تېرىپ ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرى كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنى «تۈگەنچى باھاردىكى ئۈششۈك» قاتارلىق پايدىسىز ھاۋارايىغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېپىپ ئىسسىقلىق ساقلاش، مۇۋاپىق پەيتتە سۇغىرىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.(مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ زىشۈ، رېن جۈەن)