4- ئاينىڭ 15- كۈنى 10- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈنى. 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، كورلا تاموژنىسى «جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت دەرۋازىسى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كورلا شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.
دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكى كۆرگەزمە سارىيىدا، كورلا تاموژنىسىدىكى خىزمەتچىلەر قولىدا جانلىقلار ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ، ھەيران قالغان ئوقۇغۇچىلارغا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ كىرىش ئۇقۇمى، ئاساسلىق تۈرلىرى ۋە زىيىنىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلىدى.
نەشپۈتزارلىقتا، كورلا تاموژنىسىدىكى خىزمەتچىلەر مېۋىلىك باغدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات ئاپىتى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى توغرىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈردى.
دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكى بىلىملىرى بويىچە تالىشىپ جاۋاب بېرىش ھالقىسىدا، ئوقۇغۇچىلار كەسكىن ئېلىشىپ، دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكى بىلىملىرىگە بولغان قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى.
كورلا شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى جياكې مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مېنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، نۇرغۇن جانلىقلار بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن».
كورلا تاموژنىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مەسئۇلى گاۋ رۇييۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن كورلا تاموژنىسى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى سىجىل، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. (مۇخبىر تۇرغۇن روزى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار فاڭ يىچىڭ، جاڭ يىڭ)