«ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلىرىڭىزنى كورلىغا تاپشۇرۇڭ» شىنجاڭ . كورلا 2025- يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى
4- ئاينىڭ 12- كۈنى، «ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلىرىڭىزنى كورلىغا تاپشۇرۇڭ» شىنجاڭ . كورلا 2025- يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى. سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىۋاتقان نەق مەيدان. شۆ يۈنشاۋ فوتوسى
4- ئاينىڭ 12 -كۈنى، 2- شى باشئەگىم شەھىرىنىڭ نەشپۈت چېچىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى. سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى نەق مەيدانى. شۆ بىڭ فوتوسى
4- ئاينىڭ 12- كۈنى، «ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلىرىڭىزنى كورلىغا تاپشۇرۇڭ» شىنجاڭ . كورلا 2025- يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئاۋات يېزىسىنىڭ شياڭلى بازىرىدا باشلاندى. بىردىنلا، پۈتۈن شەھەر رومانتىك چېچەك دېڭىزى، شاد- خۇراملىق كەيپىياتقا چۆمۈلۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.
شۇ كۈنى، پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن باشلىنىش ئۇسسۇلى «قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتۇش» بىلەن باشلاندى. ئۇسسۇلچىلار جانلىق ئۇسسۇل بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى، قالتىس نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا، يەرلىك داڭلىق ناخشىچى تۇرغۇنجان سەھنىگە چىقىپ «كورلىغا كېلىڭ» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، تونۇش مېلودىيە پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئەۋجىگە چىقاردى، تاماشىبىنلار بەس- بەستە ئەگىشىپ ئېيتىشىپ، بۇ شەھەرگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شياڭلى بازىرى ئەتراپىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى مەنزىرىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كەڭ كەتكەن نەشپۈتزارلىقتىكى چېچەكلەر بەس- بەستە ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئاپئاق چېچەك بەرگلىرى مەيىن شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ كىشىگە چۈشتىكىدەكلا تۇيغۇ بېرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدەملىرىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. «مەن سانجىدىن كورلىدىكى ‹نەشپۈت چېچىكى پەسلى›گە مەخسۇس ئۈلگۈرۈپ كەلدىم، بۇ يەردىكى نەشپۈت چېچەكلىرى بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن مەنىلىك بولدى!»، دېدى ساياھەتچى لى جۈن.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ياخشى بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا كورلىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى، نەشپۈت، نان، ئەتلەس قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇردى، ساياھەتچىلەر تاۋارلارنى تاللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ساياھەت تونۇشتۇرۇش ھالقىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كورلىنىڭ داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى، خاس مەززىلىك تائاملىرى ۋە ساياھەت تاكتىكىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مۇساپىسىنى پىلانلىشىنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش نەق مەيدانىدا، رىياسەتچىلەر كورلىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پائال تونۇشتۇرۇپ، جانلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئارقىلىق، نۇرغۇن تورداشنى زاكاز بېرىشكە جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىش رايونى كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى، كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، راڭپىزا قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر خۇشال- خۇرام ھالدا كورلىنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
نەشپۈت شەھىرىدە نەشپۈت چېچىكى پەسلى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ، باھار كۈنلىرىدىكى چەكلىك بولغان N خىل ئويناش ئۇسۇلىنىڭ شىفىرىنى يېشىش. بۇ قېتىمقى «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى مەدەنىيەت، سودا قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە چۆكۈش شەكلىدىكى تەسىرات بېغىشلاپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كورلا شەھىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. كەلگۈسىدە، كورلا شەھىرى پىكىر يولىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى خاس پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، نەشپۈت شەھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتىدۇ. (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ)