بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تېز چاپىدىغان ئاتنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى
11:39:57 2025-04-17 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق خىزمىتى پونكىتى يەنجى ناھىيەسىنىڭ بېيداچۈ يېزىسىدا ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستى شياۋخۇ ئاتخانىسىغا «ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى نەسلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى − بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تېز چاپىدىغان ئاتنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى» دەپ نام بېرىپ، شياۋخۇ ئاتخانىسىنىڭ مەسئۇلى ما شياۋخۇنىڭ تور تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق تېز چاپىدىغان ئاتنى سىرتقا كېڭەيتىشكە قوشقان تۆھپىسىگە ئىلھام بەردى.

 بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يەرلىك ئات نەسلى «يەنجى ئېتى» ئەزەلدىن ئەلا بولغان تېز چېپىش ھالىتى، مۇقىم بولغان تېز چېپىش ئىرسىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىغا تونۇلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان يۇقىرى ئىقتىدارلىق مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېز چاپىدىغان ئاتنى كۆپەيتىشتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئانا ئات نەسلى ھېسابلىنىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق خىزمىتى پونكىتى دۆلەتنىڭ خاس چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، «يەنجى ئېتى»نى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ پايدىلىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شياۋخۇ ئاتخانىسى تېز چاپىدىغان ئېسىل ئاتلارنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە سېتىپ كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن يورغا ئاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، «يەنجى ئېتى»نى كېڭەيتىشكە تۆھپە قوشتى. بۇنىڭدىن باشقا، شياۋخۇ ئاتخانىسى كەسپىي كوللېكتىپىنىڭ ئات بېقىش، كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىسى مول بولۇپ، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئەلا سۈپەتلىك تېز چاپىدىغان ئاتلار تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كۆزگە كۆرۈندى.

 ما شياۋخۇ مۇنداق بىلدۈردى: تېز چاپىدىغان ئاتنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتخانىمىز ئات نەسلىنى ياخشىلاش، كۆپەيتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باقمىچىلارغا ئات نەسلىنى ياخشىلاشتىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 بۇنىڭدىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق خىزمىتى پونكىتى ئات باقمىچىلىقى ئائىلىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپەيتىش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تېز چاپىدىغان ئاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. (مۇخبىر  لياۋ جۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر سېرىن دورجى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125