ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ياشايدىغان ياۋا ئاق قۇ تۈر توپى 12 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
ھەر يىلى 3- ئايدا، زور تۈركۈمدىكى ئاق قۇلار ھىندىستاندىن ۋە ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئاق قۇ كۆلىگە كۆچىدۇ. ھازىر كۆپىيىش مەزگىلى، قوغداش رايونى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قوغداشنى كۈچەيتتى. بۇ قوغداش رايونى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئاق قۇ كۆپىيىدىغان جاي، شۇنداقلا يەر شارىدىكى ياۋايى چوڭ ئاق قۇ تەبىئىي تارقالغان ئەڭ جەنۇبتىكى كۆپىيىش رايونى.
«ياۋا ئاق قۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشايدىغان ئەتىۋارلىق قۇشلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، قوغداش رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى»، دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى پېڭ بو.
ئالاقىدار تارماقلار 2009- يىلىدىن باشلاپ، توك بىلەن تەمىنلەش خادىملىرى ۋە شۇ جايدىكى چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئاق قۇ قوغداش ئەترىتى قۇردى. ھەر يىلى باش باھاردا، قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوغداش رايونىدىكى نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنى ئاسراپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ يىل ھاۋانىڭ ئىللىشى بىر قەدەر كېيىن بولغاچقا، ئاق قۇلار كۆچۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق مەنبەسى يېتىشمىدى، قوغداش خادىملىرى ئاق قۇلارغا قەرەللىك كۆممىقوناق بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
«بىز دائىم كېلىپ، ئاق قۇلارغا يېمەكلىك بېرىپ، ئۇزۇن يول يۈرگەن ئاق قۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوڭۇشلۇق كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز»، دېدى ئاق قۇ قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنبۇلاق توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى پۇرقەت ئالىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاق قۇ قوغداش ئەترىتى «ئېكولوگىيە + ئېلېكتىر كۈچى» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى، پەن- تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن تەبىئەتنى قوغداش ئەترىتى بىرلىكتە قۇشلارنىڭ كۆچۈش قانۇنىيىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، «نىشانلىق»بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «سۈنئىي قۇش چاڭگىسى + سىنلىق نازارەت قىلىش» ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«نۆۋەتتە قوغداش رايونىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، خاتىرىلەنگەن قۇش تۈرى 131 خىلغا يەتتى، ئەڭ يېڭى ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل ئاق قۇ كۆلى قوغداش رايونىدا ياشايدىغان ياۋايى چوڭ ئاق قۇ تۈر توپىنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان»، دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى پېڭ بو. (مۇخبىرلار يىن لىن، لى ۋېنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ ياڭ، جۇڭ زېپىڭ)