تۆگە باقمىچىلىقى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى
18:23:07 2025-04-16 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ھازىر خوشۇت ناھىيەسىدىكى ھىڭگانلار تۆللەش، سۈت بېرىش مەزگىلىگە كىردى، چارۋىچىلار تۆل ئېلىش، بېقىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۆگە سۈتىنى سېتىش چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 خوشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزىسى شورقۇدۇق كەنتىدىكى چارۋىچى لاڭسەي ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا، تۇغۇلغىنىغا ئاران 10 كۈن بولغان بوتىلاقلار يۈگۈرەلەيدىغان بولدى. لاڭسەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر تەرەپتىن ھىڭگاننى بوتىلاقلارنى ئېمىتىشكە يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن سۈت سېغىشقا باشلىدى.

 «بىزنىڭ ئۆيدە بېقىلىۋاتقان 200 تۇياقتىن ئارتۇق تۆگە بۇ يىل 30 تۇياقتىن كۆپرەك بوتىلاقلىدى، ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە، مەن 20 تۆگىنى ساغىمەن، 20 تۆگىدىن 25 كىلوگىرامدىن 28 كىلوگىرامغىچە سۈت چىقىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى 50 يۈەندىن ساتىمىز»، دېدى خوشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزىسى شورقۇدۇق كەنتىدىكى چارۋىچى لاڭسەي.

 لاڭسەينىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆگە يانتاق، قارىياغاچ، ياۋا تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، تۆگىنىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر بولۇپ، تۆگە تىۋىتىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 60 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە، ئىككى ياشلىق تۆگىنىڭ بازار باھاسى 7000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قاتنىشى ياخشىلانغاچقا، سودىگەرلەرنىڭ زاكاز تالونلىرى ئۈزۈلمىدى. ھازىر تۆگە سۈتى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە بازار تاپتى، باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى، كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، لاڭسەينىڭ تۆگە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

 «تۆگە سۈتى بەك ياخشى سېتىلىدۇ، تېخى ساغماي تۇرۇپلا، زاكاز قىلىنىپ بولىدۇ»، دېدى خوشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزىسى شورقۇدۇق كەنتىدىكى چارۋىچى لاڭسەي.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆگە گۆشى، تۆگە تىۋىتى، تۆگە سۈتىگە بولغان بازار ئېھتىياجىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۆگە بېقىش خوشۇت ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولغا ئايلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ جياجيا، ليۇ جياخەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125